تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

سەمىمىيەت ۋە ھەرىكەت ئارقىلىق كېڭىشىش ئۈچۈن شارائىت يارىتىش

جۇڭ شېڭ

ئامېرىكا ئاقساراي دۆلەت سودا كومىتېتىنىڭ مۇدىرى پېتىر ناۋارو 9- ئاينىڭ 8- كۈنى يەنە تاراتقۇلارغا كونا مۇقامىنى قايتا توۋلىدى، تېخى ئۆزىنى ئامېرىكا تەرەپنىڭ نوپۇزلۇق ئاۋاز مەنبەسى دەپ ماختاندى. ئۇ داۋاملىق ئۆزى كەشىپ قىلغان «يەتتە تۈرلۈك جىنايەت» سەپسەتىسى بىلەن جۇڭگونى ئەيىبلەپ، تاموژنا بېجى قوشۇپ ئېلىشتىكى «بارلىق يۈك»نى جۇڭگو ئۈستىگە ئالىدۇ دېگەن يالغان گەپنى داۋاملىق ئويدۇرۇپ چىقاردى. بۇ بىمەنە سۆزلەر جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى تەرەپنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق كېڭىشىش ئۈچۈن ياخشى شارائىت يارىتىش چوڭ يۆنىلىشىگە زىت بولۇپ، ئىجادىيلىقتىن قىلچە ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ.

كىشىلەرنىڭ ئاڭلىغىنى ناۋارونىڭ «سەمىمىي كۆڭلى» بىلەن خەلقئارا بازارغا يەنە سوغۇق سۇ سەپمەكچى بولغانلىقى بولدى. ئالدىنقى بىر باسقۇچتا، ئامېرىكا پاي بازىرىدىكى بەزى ئىنكاسلار مەسىلىنى مەلۇم دەرىجىدە چۈشەندۈرۈپ بەردى: جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى تەرەپ ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا ياخشى نىيىتىنى ئىپادىلىگەندە، ئامېرىكىدىكى ئۈچ چوڭ پاي كۆرسەتكۈچى تەڭلا ئۆرلىدى؛ ئىقتىساد - سودا سۈركىلىشىنىڭ دەرىجىسى ئۆسكەن ياكى ئامېرىكا تەرەپتىكى بىر قىسىم كىشىلەر ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان سۆزلەر بىلەن ھۇجۇم قوزغىغاندا، ئۈچ چوڭ پاي كۆرسەتكۈچى زور دەرىجىدە چۈشتى. 8- ئاينىڭ 5- كۈنى، يەنى ناۋارو تۇنجى قېتىم ئاتالمىش «يەتتە تۈرلۈك جىنايەت» سەپسەتىسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىنكى تۇنجى سودا كۈنىدە، ئۆلچەم پور 500 كۆرسەتكۈچى ۋە ناسداك ئۇنىۋېرسال كۆرسەتكۈچىدە بىرلا ۋاقىتتا 8- ئايدىكى بىر كۈنلۈك ئەڭ چوڭ چۈشۈش كۆرۈلدى. روشەنكى، بازارنىڭ كۈتىدىغىنى جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى تەرەپنىڭ قايتىدىن سۆھبەت ئۈستىلىگە قايتىپ كېلىپ، جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى دۆلەت ئىقتىسادى ھەتتا دۇنيا ئىقتىسادىغا ئاكتىپ ئامىل قوشۇشىدۇر. نېمە ئۈچۈن ئامېرىكا تاراتقۇلىرى «ناۋارونىڭ زەئىپلىشىشى»نى قايتا - قايتا باش ماقالىنىڭ تېمىسى قىلىدۇ؟ جاۋابى ناھايىتى ئېنىق، چۈنكى ناۋارونىڭ سەپسەتىسى ئىقتىساد - سودا مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ئاۋارىچىلىك تۇغدۇردى، جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان كۈچكە ۋەكىللىك قىلىپ، ئىقتىساد - سودا سۈركىلىشى ئېلىپ كەلگەن ئىقتىسادنىڭ چېكىنىش خاراكتېرلىك تەسىرىنى ئۇلغايتىۋەتتى.

جۇڭگو تەرەپ ئىزچىل ئەڭ زور سەمىمىيىتى بىلەن جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا كېڭىشىشى ئېلىپ باردى، جۇڭگو تەرەپ دۆلەتنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغداش مەيدانىدىن قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ. جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى تەرەپ بىر نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، باراۋەر ۋە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا ئۆزئارا ئىشىنىدىغان ئاكتىپ كۈچنى ئۈزلۈكسىز توپلىغاندىلا، ئاندىن ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى داۋامىدا ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرالىشى مۇمكىن.

ئامېرىكا تەرەپتىكى بىر قىسىم كىشىلەر ئىقتىسادىي قانۇنىيەتكە ھۆرمەت قىلىپ، ئىقتىسادشۇناسلىق ساۋاتلىرى دەرسىنى تولۇقلىشى، ئامېرىكا جەمئىيىتىدىكى ھەر ساھەنىڭ قەلب ساداسىنى ئاڭلاپ بېقىشى كېرەك. ئامېرىكىنىڭ سابىق سودا مىنىستىرى گۇتېرىسنىڭ يېقىندا قىلغان سۆزى ناھايىتى ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە − ئامېرىكا - جۇڭگو ئىككى تەرەپ بىر ئىقتىساد - سودا كېلىشىمى ھاسىل قىلىپلا قالماي، يەنە « بىر خىل يېڭى ھەمكارلىق ئۇسۇلىنى تېپىپ، ئىككى تەرەپ ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك».

جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى تەرەپ 10- ئاينىڭ بېشىدا ۋاشىنگتوندا 13- نۆۋەتلىك جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا يۇقىرى دەرىجىلىكلەر كېڭىشىشى ئۆتكۈزۈشكە پۈتۈشتى. ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىملىقىنى يارىتىشنىڭ پۇرسىتىنى توغرا ئۇسۇلدا ئىگىلەش ئىككىلا تەرەپ ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئورتاق تونۇشىدا كۆرسىتىپ بېرىلگەن يۆنىلىش ۋە يولنى بويلاپ ئورتاق تىرىشىپ، كېڭىشىش ئۈچۈن ياخشى شارائىت يارىتىش كېرەك، بۇ بولۇشقا تېگىشلىك ئىجابىي پوزىتسىيە. ئامېرىكا تەرەپتىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلەرچە قىلغان سۆزلىرىنى توختىتىپ، جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تونۇشى ۋە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ كۆزلىمىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان سەمىمىيىتى ۋە ھەرىكىتى بىلەن، كېڭىشىش ئۈچۈن شارائىت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

(2019- يىلى 9- ئاينىڭ 10- كۈنىدىكى «خەلق گېزىتى»گە بېسىلغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى