تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ مەملىكەت بويىچە مائارىپ سىستېمىسىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەر ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى

پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرىدىن بايراملىق ھال سورىدى

لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى

9- ئاينىڭ 10- كۈنى، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ قاتارلىقلار بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 2019- يىللىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنى تەبرىكلەش ھەم مەملىكەت بويىچە مائارىپ سىستېمىسىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەرنى تەقدىرلەش يىغىنىدا تەقدىرلەنگەنلەر ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شېن خۇڭ فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9- ئاينىڭ 10- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ياڭ ۋېيخەن، خۇ خاۋ) 35- قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى يېتىپ كەلگەن پەيتتە، 2019- يىللىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنى تەبرىكلەش ھەم مەملىكەت بويىچە مائارىپ سىستېمىسىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەرنى تەقدىرلەش يىغىنى 9- ئاينىڭ 10- كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا تەقدىرلەنگەنلەر ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى، تەقدىرلەنگەن ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەرنى قىزغىن تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرىدىن بايراملىق ھال سورىدى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11دا، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىغا كەلگەندە، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى. شى جىنپىڭ قاتارلىقلار ۋەكىللەرنىڭ ئارىسىغا كېلىپ، كۆپچىلىك بىلەن قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئارىلاپ پاراڭلاشتى ھەم كۆپچىلىك بىلەن بىللە سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى سۈن چۇنلەن كۆرۈشۈشكە قاتناشتى ھەم تەقدىرلەش يىغىنىدا سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىز مائارىپىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر يۈزبەردى، كەڭ ئوقۇتقۇچىلار باشقىلارغا ئۈلگە بولۇپ، قېتىرقىنىپ ئادەم تەربىيەلەپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى، ئىلگىرىلىشىگە مۇھىم تۆھپە قوشتى. كەڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، سوتسىيالىزمنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتتە ئەتراپلىق يېتىلگەن قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەپ، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ، ئەخلاق ئارقىلىق تەربىيە بېرىپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەپ، ئىجتىھات بىلەن ئىزدىنىپ، ئوقۇتۇش ۋە ئوقۇش سۈپىتىنى تەڭ ئۆستۈرۈپ، ھۆرمەت قىلىپ كەڭ قورساق بولۇپ، قاتتىق بولۇش بىلەن كۆيۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە ۋە خەلق رازى بولىدىغان «تۆتكە ئىگە» ياخشى ئوقۇتقۇچىلاردىن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىناتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىشى كېرەك.

يىغىندا 718 نەپەر «مەملىكەت بويىچە نەمۇنىلىك ئوقۇتقۇچى»، 79 نەپەر «مەملىكەت بويىچە مائارىپ سىستېمىسىدىكى ئىلغار خىزمەتچى»، 597 «مەملىكەت بويىچە مائارىپ سىستېمىسىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ» ھەمدە 1432 نەپەر «مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى»، 158 نەپەر «مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر مائارىپ خىزمەتچىسى» تەقدىرلەندى، 1355 تۈرگە «دۆلەت دەرىجىلىك ئوقۇتۇش نەتىجىسى مۇكاپاتى» بېرىلدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىقلار يەنە ئون نەپەر «مەملىكەت بويىچە ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش نەمۇنىچىسى»نى سايلاپ چىقتى.

مەملىكەت بويىچە نەمۇنىلىك ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىلى، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شىنجى شەھىرى چىڭخېۋەن مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى جاڭ مېڭۋېي، مەملىكەت بويىچە ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتىكى نەمۇنىچىلار ۋەكىلى، گۇاڭشى بېيخەي شەھىرى ۋېيجوۋداۋ يەسلىسىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى فەن خۇيلى، مەملىكەت بويىچە مائارىپ سىستېمىسىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ ۋەكىلى، سۇجوۋ قۇرۇلۇش - قاتناش ئالىي كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى خاۋ يۈنلياڭ، دۆلەت دەرىجىلىك ئوقۇتۇش نەتىجىسى مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر ۋەكىلى، سىچۇەن داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى شيې خېپىڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا يىغىندا سۆز قىلدى.

دىڭ شۆشياڭ، چېن شى، يوۋ چۈەن، سەي دافېڭ، شيا باۋلۇڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.