تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

ئاپتونوم رايون 35- قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنى تەبرىكلەش ھەم مائارىپ سىستېمىسىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەرنى تەقدىرلەش يىغىنى ئۆتكۈزدى

چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر تەقدىرلەنگەنلەر ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى لى پېڭشىن كۆرۈشۈشكە قاتناشتى ھەم يىغىنغا قاتناشتى

9- ئاينىڭ 10 - كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ 35- قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنى تەبرىكلەش ھەم مائارىپ سىستېمىسىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەرنى تەقدىرلەش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. سۈرەتتە: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر تەقدىرلەنگەنلەر ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرىدىن بايراملىق ھال سورىدى. (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى)

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، لى ياڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 9- ئاينىڭ 10- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ 35- قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنى تەبرىكلەش ھەم مائارىپ سىستېمىسىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەرنى تەقدىرلەش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر تەقدىرلەنگەنلەر ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى، تەقدىرلەنگەن ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەرنى قىزغىن تەبرىكلىدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرىدىن بايراملىق ھال سورىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن كۆرۈشۈشكە قاتناشتى، تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

چېن چۈەنگو كۆرۈشۈشتە مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مائارىپ ئىشلىرىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كەڭ ئوقۇتقۇچىلارغا رىشتە باغلىدى. ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى پەيتىدە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەت بويىچە مائارىپ سىستېمىسىدىكى تەقدىرلەنگەنلەر ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشۈشى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كەڭ ئوقۇتقۇچىلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى، غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقى ۋە مائارىپ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەت - بۇرچنى باشتىن - ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كەڭ ئوقۇتقۇچىلاردىن كۈتكەن سەمىمىي ئۈمىدىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش بۇرچىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، ئەخلاق ئارقىلىق تەربىيە بېرىپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەپ، تېخىمۇ كۆپ سوتسىيالىزمنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتتە ئەتراپلىق يېتىلگەن قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، مائارىپ ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرىگە چىن كۆڭۈلدىن كۆيۈنۈپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى باشقۇرۇپ، ئەلا نەتىجىلىرى بىلەن يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىشى كېرەك.

لى پېڭشىن سۆزىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ پايدىسىدىن بولغان، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر ۋە دۆلەتنىڭ مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرىنىڭ خالىس ياردىمىنىڭ پايدىسىدىن بولغان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرى - تۆۋەندىكىلەرنىڭ مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىش، بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشتەك بوشاشماي تىرىشقانلىقىنىڭ پايدىسىدىن بولغان، كەڭ ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرىنىڭمۇ قان - تەرى مۇجەسسەملەنگەن. كەڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، غايە - ئېتىقادنى باشتىن - ئاخىر چىڭىتىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا سادىق بولۇشىنى؛ ئەسلىي مەقسەت - بۇرچنى باشتىن - ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، توغرا مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، لاياقەتلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت دەۋر ئېغىر ۋەزىپىسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىسىگە ئېلىشىنى؛ باشتىن - ئاخىر دىققەتنى باش نىشانغا مۇلازىمەت قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، قەتئىي ھالدا ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ، ئوقۇ - ئوقۇتۇش بازىسىنى قەتئىي ياخشى ساقلىشىنى؛ باشتىن - ئاخىر تىرىشىپ ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاڭلىق ئۆگىنىش، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆگىنىش، بىر ئۆمۈر ئۆگىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، كەسپىي بىلىم ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلىشىنى؛ مەنىۋى يۇرت - ماكاننى باشتىن - ئاخىر چىڭ ساقلاپ، ئوقۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئادەم تەربىيەلەشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، سۆزى بىلەن ئۈلگە بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ھەرىكىتى بىلەن ئۈلگە بولۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، تىرىشىپ ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچىلار ئىستىلىنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇپ، باشقىلارغا ئۇستاز، ھەرىكەتتە ئۈلگە بولۇپ، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى باشقۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

يىغىندا، ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ سىستېمىسىدىكى 24 ئىلغار كوللېكتىپ ۋە 115 نەپەر ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى، 38 نەپەر ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر مائارىپ خىزمەتچىسى تەقدىرلەندى.

ئىلغار كوللېكتىپلار ۋەكىلى، پوسكام ناھىيەلىك 5- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مەكتەپ مۇدىرى گاۋ شەن، مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىلى، ئىلى تېخنىك تەربىيەلەش شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى سۇڭ جېڭۋېي، مۇنەۋۋەر مائارىپ خىزمەتچىلىرى ۋەكىلى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى ھايۋانات ئىلمى شۆيۈەنىنىڭ يېتەكچىسى ئەكبەر رەجەپ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ يىغىندا سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن مانەن زەينەل، رېن خۇا، كۇڭ شىڭلۇڭ، ئىلھام سابىر قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.