تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 444 كەسپىي ئورۇن 622 نەپەر خىزمەتچى خادىمنى ئاشكارا قوبۇل قىلىدۇ

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر ما بېي) : يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 444 كەسپىي ئورۇن جەمئىيەتتىن 622 نەپەر خىزمەتچى خادىمنى باشقۇرۇش ئىش ئورنى ۋە كەسپىي تېخنىكا ئىش ئورنىغا ئاشكارا قوبۇل قىلىدىكەن. تىزىملىتىش ۋاقتى 9- ئاينىڭ 11- كۈنىدىن 9- ئاينىڭ 17- كۈنىگىچە.

9- ئاينىڭ 10- كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىمقى خىزمەتكە قوبۇل قىلىدىغان 444 كەسپىي ئورۇن ئۈرۈمچى شەھىرىگە قاراشلىق ئورۇن، ھەر قايسى رايون، ناھىيەدىكى مەكتەپ، دوختۇرخانا، يەسلى، شىپاخانا، ئارخىپخانا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

قوبۇل قىلىنىدىغانلارنىڭ يېشى چوقۇم 18 ياشقا توشقان ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى، 35 ياشتىن تۆۋەن بولۇشى كېرەك (2001-يىلى 9- ئاينىڭ 6- كۈنىدىن 1983- يىلى 9- ئاينىڭ 6- كۈنىگىچە تۇغۇلغان بولۇشى كېرەك، باشقا ياش شەرتلىرىمۇ مۇشۇنىڭدەك بولىدۇ) ئىكەن، نوپۇسى چەكلەنمەيدىكەن.

مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىمقى خىزمەتچى قوبۇل قىلىش باشقۇرۇش ئىش ئورنى ۋە كەسپىي تېخنىكا ئىش ئورنىغا ئايرىلىدىغان بولۇپ، ئىشخانا خىزمىتى، دوختۇر، سېستىرا، مەكتەپ دوختۇرى، بوغالتىر قاتارلىقلارغا چېتىلىدىكەن. كۆپ ساندىكىسىنىڭ ئوقۇش تارىخى تەلىپى ئالىي تېخنىكوم ۋە تولۇق كۇرستىن يۇقىرى بولۇپ، كۆپ قىسىم ئىش ئورنىنىڭ كەسىپ تەلىپى بار ئىكەن. جىنسى چەكلەنمەيدىغان، ئوقۇش تارىخى تەلىپى ئالىي تېخنىكوم ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولغان، كەسىپ چەكلەنمەيدىغان ئىش ئورنىدىن 12 سى بار ئىكەن.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، نۆۋەتتە خىزمەتچى قوبۇل قىلىش نىزامنامىسى ۋە ئىش ئورنى جەدۋىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تور بېكىتى (http://www.urumqi.gov.cn/hrss.htm) ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك كادىرلار ئىختىساسلىقلار مۇلازىمەت سۇپىسى (http://www.wlmqrc.com) كادىرلار ئىمتىھانى مەخسۇس بېتىدە ئېلان قىلىنغان. شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار يۇقارقى ئىككى توربەتنىڭ كادىرلار ئىمتىھانى مەخسۇس بېتىگە كىرىپ توردا تىزىملاتسا بولىدىكەن. ئىمتىھانغا تىزىملىتىش ۋاقتى 2019- يىلى 9- ئاينىڭ 11- كۈنى سائەت 10:30 دىن 9- ئاينىڭ 17- كۈنى سائەت 18:30 غىچە. توردا ھەق تۆلەش ۋاقتى: 2019- يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 10:30 دىن 9- ئاينىڭ 18-كۈنى سائەت 18:30 غىچە.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى