تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

پوسكام ناھىيەسى: ئۈزۈمچىلىك كىرىمنى ئاشۇردى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر جاۋ يىڭيىڭ، شۈ ۋيې خەۋىرى):ھازىر دەل ئۈزۈملەر مەي باغلاپ پىشىدىغان مەزگىل، قەشقەر ۋىلايىتى پوسكام ناھىيەسى تۇغچى يېزىسى باش ئاچما كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى تۇخان توختىنىڭ ئىشىكى ئالدىدىكى ئۈزۈم بارىڭىدا ساپاق-ساپاق «سۆسۈن خرۇستال» كەبى ئۈزۈملەر ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىپ، قارىغان كىشىنىڭ يېگۈسىنى كەلتۈرەتتى.

  بۇ يىلنىڭ بېشىدىن بۇيان، پوسكام ناھىيەلىك باج ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرىنى ھويلا-ئاران ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ھويلىلارنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا مېيگۈيشياڭ ئۈزۈمى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەپ، دېھقانچىلىق تېخنىكىسى مۇتەخەسسىسلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، مەركەزلەشتۈرۈپ دەرس ئۆتۈش ۋە ئەمەلىي يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن، ئۈزۈمچى دېھقانلارغا ئۈزۈم پەرۋىش قىلىش، تەك ئېچىش، پۇتاش، كېسەللىك ئاپىتى ۋە ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق بىلىملەرنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم قىلدى. يېتىشتۈرگەن ئۈزۈملىرى مەي باغلاپ پىشقان كەنت ئاھالىسى تۇخان توختىنىڭ چېھرىدە خۇشاللىق جىلۋە قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن يېتىشتۈرگەن 30 تۈپ ئۈزۈمنى ئۆزىمىز يەپ، ئېشىپ قالغىنىنى يەنە ساتالايمىز، بۇ ئۈزۈملەردىن 1000 يۈەن كىرىم قىلالايدىغانلىقىمغا ئىشىنىمەن.»

  خىزمەت ئەترىتى كەنتكە كېلىپ ئۈزۈم سېتىۋالىدىغان سودىگەرلەر بىلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالاقە قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سېتىش ئىشلىرىغا ياردەملەشتى. مۆلچەرلىنىشىچە، كەنتتىكى ھەر بىر ئائىلىنىڭ ھويلىسىدىكى ئۈزۈمدىن 300 كىلوگىرامدىن 500 كىلوگىرامغىچە ھوسۇل ئالغىلى بولىدىكەن، ھەر كىلوگىرامىنىڭ سېتىلىش باھاسى بەش يۈەندىن ھېسابلىغاندا، 2000 يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلغىلى بولىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى