تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز گۇڭ شىجيې، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇن خەۋىرى): 9- ئاينىڭ 10-كۈنى، شىنجاڭ مايتاغ-كۇچا تاشيولىدا قار-يامغۇر يېغىپ، يول يۈرۈش قىيىن بولدى. كۇچا ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: مايتاغ-كۇچا تاشيولىغا ساياھەتكە كەلگەن ساياھەتچىلەر سوغۇقتىن، تېيىلىشتىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىشى، بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىشى كېرەك.
شۇ كۈنى چۈشتە، كۇچا چوڭ كۆلىدىن چورما ئەتراپىغىچە بولغان جايلاردا قار يېغىپ، تىيانشانغا بىر قەۋەت نېپىز شايى ياپتى، قارىماققا ئىنتايىن چىرايلىق كۆرۈنەتتى. بولۇپمۇ چوڭ كۆل ئەتراپىدا قار-يامغۇر يېغىپ، بۇلۇتلار بىلەن قاپلىنىپ، چوڭ كۆل تېخىمۇ سىرلىق تۈسكە كىردى، نۇرغۇن ساياھەتچىلەر بۇ يەردە توختاپ، يان تېلېفون، فوتو ئاپپاراتلىرىنى چىقىرىپ بۇ مەنزىرىنى سۈرەتكە تارتتى.
ئىگىلىنىشىچە، يېقىندا، تىيانشان تاغلىق رايونلىرى قار يېغىش مەزگىلىگە كىرگەن بولۇپ، ھاۋا رايى تۇيۇقسىزلا ئۆزگۈرۈپ، ئاسانلا قار-يامغۇر ياغىدىكەن. شۇڭا، كۇچا ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى ساياھەتچىلەرگە مايتاغ-كۇچا تاشيولىغا كىرىپ ساياھەت قىلغاندا، چوقۇم سوغۇقتىن، تېيىلىشتىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىپ، كۈتۈلمىگەن ھادىسە يۈز بېرىپ، ئۆزى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنى زەخىملەندۈرۈشتىن ساقلىنىشنى ئەسكەرتتى.