9-ئاينىڭ 8-كۈنى، خىزمەتچى خادىملار كورلا شەھىرى قۇرۇلۇش كۆۋرۈكى ئۈستىدە LED مەنزىرە چىرىغى ئورناتماقتا.
تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ۋۇ پېڭ فوتوسى، خەۋىرى) جۇڭچيۇ بايرىمى ۋە دۆلەت بايرىمىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، بايرام كەيپىياتىنى گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن، كورلا شەھىرى قۇرۇلۇش كۆۋرۈكى ئۈستىگە 60 مىڭ دانە LED مەنزىرە چىرىغىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىغان بولۇپ، 9-ئاينىڭ 12-كۈنى كەچ، بۇ چىراغلار كۆۋرۈك ئۈستىدە ئەسلىدە بار بولغان رەڭلىك چىراغلار بىلەن بىرلا ۋاقىتتا يورۇتۇلۇپ، ئۆزگىچە، رەڭدار كېچە مەنزىرىسىنى بارلىققا كەلتۈرىدىكەن.
بايىنغولىن گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى