تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرى 2019 - يىللىق يېڭى ئەسكەرلەرنى ھەربىي سەپكە ئۇزىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

9- ئاينىڭ 9- كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى 2019- يىللىق يېڭى ئەسكەرلەرنى ھەربىي سەپكە ئۇزىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، يېڭى ئەسكەرلەر ۋەكىللىرى ھەربىي فورما كىيىپ، مەيدىسگە قىزىل گۈل تاقىدى، پات ئارىدا ئۇلار ھەربىي گازارمىغا بارىدۇ. سۈرەتتە : يېڭى ئەسكەرلەر ۋەكىللىرى ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ سۆزىگە قىزغىن ئالقىش ياڭراتماقتا.

    ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر گەي يۈ، جياڭ شياۋ خەۋىرى، ڧوتوسى): 9- ئاينىڭ 9- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى 2019- يىللىق يېڭى ئەسكەرلەرنى ھەربىي سەپكە ئۇزىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، 871 يېڭى ئەسكەر ھەربىي فورما كىيىپ، مەيدىسىگە قىزىل گۈل تاقاپ،  ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۈمىدى ۋە ۋەتەننىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى زىممىسىگە ئېلىپ، پات ئارىدا گازارمىغا بېرىپ، ھەربىي تۇرمۇشىنى باشلايدۇ.

    بۇ يىل ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلىنغان يېڭى ئەسكەرلەر ئىچىدە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى % 77 نى ئىگىلەيدۇ . شىنجاڭ داشۆسى ساياھەت شۆيۈەنى 2 - يىللىق ئوقۇغۇچىسى ۋۇ ياڭياڭنىڭ كىچىكىدىن تارتىپلا ھەربىي بولۇش ئارزۇسى بار ئىدى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ھەربىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىپ سىناپ باققان بولسىمۇ، ئەپسۇسلىنارلىقى ئۇ ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەنىدى، شۇڭا ئۇ بۇ قېتىمقى پۇرسەتنى ھەسسىلەپ قەدىرلىدى.

    «بىز ھازىر تىنچ يىللاردا ياشاۋاتىمىز، ھازىرقى ئاسان قولغا كەلمىگەن بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى تېخىمۇ قەدىرلىشىمىز كېرەك، بۇ قېتىم ئەسكەرلىككە قاتنىشىپ، دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسمىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇپ، ئۆزۈمنىڭ ھەم  ئائىلەمدىكىلەرنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردۇم  شۇنداقلا مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپەمنى قوشىمەن.»دېدى ۋۇياڭياڭ.

    چېن جىشىن شىنجاڭ قۇرۇلۇش شۆيۈەنىنىڭ 4 - يىللىق ئوقۇغۇچىسى چېن يۈجيەننىڭ دادىسى بولۇپ، ئۇزىتىش مۇراسىمىدا ئۇ مەخسۇس نەق مەيدانغا بېرىپ ئوغلىنى ئۇزىتىپ قويدى .

    «ئۆيىدە بىر ئادەم ئەسكەر بولسا، پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر شەرەپ ھېس قىلىدۇ. مەنمۇ ئوغلۇمنىڭ قىسىمدا ئۆزىنى تېخىمۇ ياخشى چېنىقتۇرۇپ، ئالىي مەكتەپ مەزگىلىدە ئۆگەنگەن بىلىملىرىنى قىسىمغا تەقدىم قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق تۇغقانلىرىمىزغا، يۇرتىمىزغا، ۋەتەنگە شان - شەرەپ كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى چېن جىشىن .

    ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى جىڭبېي رايونىنىڭ جېڭۋېيسى جاۋ جاڭپىڭ ھەربىي سەپكە كىرىشى تەستىقلانغانلارنى تەبرىكلىدى، ئۇلارنىڭ پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى باشتىن - ئاخىر ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا قەتئىي بويسۇنۇپ، جەڭدە غەلىبە قىلالايدىغان، ئىستىلى ياخشى، پولاتتەك ئېتىقادقا ئىگە، پولاتتەك ئىشەنچ، پولاتتەك ئىنتىزام، پولاتتەك مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالالايدىغان ساپانى تىرىشىپ يېتىلدۈرۈپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويماي، يۇرت خەلقىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىقىنى ئۈمىد قىلدى.

    ئۈرۈمچى جىڭبېيى رايونىنىڭ قوماندانى جياڭ تاۋ ئۇزىتىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى