تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ليۇ شىنساۋ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز سۈن ۋۇجيەن فوتوسى، خەۋىرى): 9-ئاينىڭ 8-كۈنى، شىنجاڭدىكى ساياھىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خاربىن شەھىرىدىن كەلگەن ساياھەتچى ليۇ رۈي ۋە ئۇنىڭ باشقا بەش ھەمراھى مۇنداق دېدى: بۇ بىر قېتىملىق كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان ۋە تەسىرلەندۈرىدىغان سەپەر بولدى. «شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدىكەن، شىنجاڭلىقلارنىڭ قىزغىنلىقى كىشىنى تېخىمۇ تەسىرلەندۈرىدىكەن».
ئەسلىدە، ليۇ رۈي ساياھەت قىلىش جەريانىدا غۇلجىدا ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرغاندا دىققەتسىزلىكتىن 6000 يۈەن نەق پۇل ۋە 14 دانە پويىز بېلىتى سېلىنغان سومكىسىنى يىتتۈرۈپ قويغان، ئەمما ئۇنى خۇشال قىلغىنى سومكىسىنىڭ يىتكەنلىكىنى بايقىغاندىن تېپىۋېلىشقا قەدەر پەقەت بىر سائەتلا كەتكەنلىكى بولدى، ئۇ ھاياجانلانغىنىدىن سومكىسىنى تېپىۋېلىپ قايتۇرۇپ بەرگەن ئاممىۋى ئاپتوبۇس شوپۇرى شۆھرەتنى قۇچاقلاپ كەتتى ۋە باش بارمىقىنى چىقىرىپ توختىماستىن: «شىنجاڭلىق يىگىت، ياخشى، ياخشى» دەپ كەتتى.
شۆھرەتنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرغان بىرەيلەن سومكىنى تېپىۋېلىپ ئۇنىڭغا ئىگىسى ئۇچراپ قالسا بېرىپ قويۇشنى ھاۋالە قىلغان. «بۇ بىزنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىمىز، كېيىنمۇ بۇنداق ئىشقا ئۇچراپ قالسام ئوخشاشلا مۇشۇنداق قىلىمەن» دېدى شۆھرەت.
قايتىش ئالدىدا، ليۇ رۈي تەسىرلەنگەن ھالدا سومكا يىتكەن ئىشنىڭ بۇ قېتىملىق ساياھەتتىكى ئەڭ گۈزەل بىر كارتىنا بولۇپ قالغانلىقىنى، شىنجاڭلىقلارنىڭ قانچىلىك ئاق كۆڭۈل ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «قايتقاندىن كېيىن دوستلىرىمغا شىنجاڭنىڭ مەنزىرىسىلا گۈزەل بولۇپ قالماستىن، يەنە كىشىلىرىنىڭمۇ ناھايىتى ئاق كۆڭۈل، قىزغىن ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىمەن.»