ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لياڭ لې خەۋىرى) بۈگۈندىن باشلاپ 10-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئۈرۈمچىدە ئاممىۋى قاتناش ئوقۇغۇچىلار كارتىسى يىللىق تەكشۈرۈلىدۇ. شەھەر ئاھالىلىرى مۇناسىۋەتلىك گۇۋاھنامىلەرنى ئېلىپ خۇڭسەن ھەممىباب كارتىسى ئۆز ئالدىغا تىجارەت قىلىش تور نۇقتىسى ۋە تېلېگراف تىجارەت زالىدا بېجىرسە بولىدۇ.
مۇخبىرنىڭ 9-ئاينىڭ 9-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك خۇڭسەن ھەممىباب كارتىسى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 9-ئاينىڭ 1-كۈنى بۇ يىللىق ئاممىۋى ئاپتوبۇس ئوقۇغۇچىلار كارتىسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى رەسمىي باشلانغان، يىللىق تەكشۈرۈش 10-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن. ئاممىۋى قاتناش ئوقۇغۇچىلار كارتىسىنى تەكشۈرگەندە، 18 ياشتىن تۆۋەنلەر ئوقۇغۇچىلىق كارتىسى، كىملىك ياكى نوپۇس دەپتىرىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى ئېلىپ يىللىق تەكشۈرتسە بولىدىكەن؛ 18 ياشتىن يۇقىرى ئوقۇغۇچىلار ئوقۇغۇچىلىق كارتىسى، كىملىك ياكى نوپۇس دەپتىرىنىڭ ئەسلىي نۇسخىسى شۇنداقلا مەكتەپنىڭ ئىسپاتىنى (ئىسپاتنىڭ ئۈستىگە يېقىندا چۈشكەن سۈرەتنى چاپلاپ، سۈرەتنىڭ ئۈستىگە مەكتەپ تامغىسى بېسىلىدۇ) ئېلىپ يىللىق تەكشۈرتسە بولىدىكەن.
خۇڭسەن ھەممىباب شىركىتى تېخنىكا دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، بۇ يىل يېڭىدىن خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى: بۇ يىل ئوقۇغۇچىلار كارتىسىنى يىللىق تەكشۈرتۈشكە قاتناشقان 18 ياشتىن تۆۋەن ئوقۇغۇچىلار، كېلەر يىلدىن باشلاپ ئوقۇغۇچىلار كارتىسىنى بىر يىلدا بىر قېتىم تەكشۈرتمىسىمۇ بولىدۇ، كارتا ئۇزۇن مۇددەت ئۈنۈمگە ئىگە؛ 18 ياشقا توشقاندىن كېيىن، يىلدا بىر قېتىم يىللىق تەكشۈرتىدۇ.
يىللىق تەكشۈرتۈش كەسپىي خۇڭسەن ھەممىباب شىركىتى ئۆز ئالدىغا تىجارەت قىلىدىغان بەش تور نۇقتىسىدا بىجىرىلىدۇ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا ۋاڭجالىياڭ، تىيەنبەي مىڭدىيەن، توۋگۇڭ، ئۈرۈمچى ۋوگزال شىمالىي مەيدانى ۋە يىمىن سارىيى. ئۇنىڭدىن باشقا ئۈرۈمچىدىكى 13 تېلېگراف ھەمكارلىق تىجارەت زالىدا (مەسىلەن نەنخۇ تىجارەت زالى، شياۋشىمىن تىجارەت زالى قاتارلىق) يىللىق تەكشۈرتكىلى بولىدۇ.