شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى. چۆچەك 9- ئايىنڭ 10- كۈنى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جاۋ شۆ خەۋىرى): «ھېلىمۇ ياخشى سىلەر مەكتەپنىڭ توك ئىشلىتىش لىنىيەسىنى ئالدىن تەكشۈرۈپ بەردىڭلار، بىز خاتىرجەم دەرس ئۆتەلەيدىغان بولدۇق». 8- ئاينىڭ 28– كۈنى تېكەس ناھىيەلىك 3-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مەكتەپ مۇدىرى دۆلەت ئېلېكتىر تورى ئىلى توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتىنىڭ پارتىيە ئەزالىرى مۇلازىمەت ئەترىتىدىكى بىر ئەزانىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ مىننەتدارلىق بىلەن شۇنداق دېدى.
مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش باشلىغاندا بىخەتەر توك ئىشلىتىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئىلى توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتى پارتىيە ئەزالىرى مۇلازىمەت ئەترىتىنى تەشكىللەپ، تەۋەلىكىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ، يەسلىلەرگە بېرىپ، بىخەتەر توك ئىشلىتىشنى، مەكتەپلەردىكى توك تەقسىملەش ساندۇقى، سىم يولى قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنىڭ يوشۇرۇن خەۋپنى، سىنىپ، ئىشخانا، ئاشخانا، ياتاقتىكى چازولاردىن توك قېچىش، ۋىكليۇچاتېلنىڭ تېگىشىشى ياخشى بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى تەكشۈردى، توك قېچىش قاتارلىق مەسىلىلەر ساقلانغان توك ئىشلىتىش ئۈسكۈنىلىرىنى دەرھال رېمونت قىلىپ بەردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەكتەپلەرنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە كارىدورلىرىنى تازىلاپ، مەكتەپلەرنىڭ توك ئىشلىتىش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى.
« مەكتەپ يازلىق تەتىلدە ئۇزۇن ۋاقىت توك ئىشلەتمىسە، توك بىلەن تەمىنلەش ئەسلىھەلىرىدە ئاسانلا كاشىلا كۆرۈلىدۇ، ئوقۇش باشلاشتىن بۇرۇن ئومۇميۈزلۈك، ئىنچىكە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا، يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدە مەكتەپنىڭ توك ئىشلىتىش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. »دېدى ئىلى توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتىنىڭ شەھەر رايونىدىكى توك بىلەن تەمىنلەش ئورنىنىڭ باشلىقى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىلى توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتى «كىچىك كانايچاق» بىخەتەر توك ئىشلىتىشىنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش پائالىيىتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، قەرەللىك ھالدا پارتىيە ئەزالىرى مۇلازىمەت ئەترىتىنى تەشكىللەپ مەكتەپلەرگە بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەر توك ئىشلىتىشىگە كاپالەتلىك قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىخەتەر توك ئىشلىتىش ۋە ئېلېكتىر ئەسلىھەلىرىنى ئاسراش قاتارلىقلارغا ئالاقىدار بىلىملەرنى تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارغا بىخەتەر توك ئىشلىتىش بىلىملىرىنى تولۇق ئىگىلىتىپ، ئۇلارنىڭ بىخەتەر توك ئىشلىتىش ۋە ئۆزىنى قوغداش ئېڭىنى كۈچەيتتى.