تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

شايار ناھىيەسى گۈلباغ بازىرى ئىنچىكە كەنتىدىكى «مېۋىلىك باغ» كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش باغچىسىغا ئايلاندى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (ئاقسۇ گېزىتى مۇخبىرى گۇڭ شىجيې، ئىختىيارىي مۇخبىر دەي چياڭ خەۋىرى): يېشىللىق ئارىسىدىكى سارغايغان ئۈزۈم، شىرنىلىك يەرلىك شاپتۇل، قىپقىزىل ئانار، قاتتىق ھەم يۇمىلاق ياڭاق . . . 9- ئاينىڭ 7- كۈنى، مۇخبىر شايار ناھىيەسىنىڭ گۈلباغ بازىرى ئىنچىكە كەنتىدىكى دېھقان ئامان ئىبراھىمنىڭ ئۆيىدىكى «مېۋىلىك باغ»غا كىرگىنىدە، ئۇ ئايالى بىلەن بىللە يېڭىدىن يېتىشتۈرگەن ياڭاق كۆچىتىنى چاتاش بىلەن ئالدىراش ئىدى .

  بۇ يىل 63 ياشقا كىرگەن ئامان ئىبراھىم كەنتتىكى باغۋەنچىلىك «يەرلىك مۇتەخەسسىسى»ئىدى، ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مالىيە ئىدارىسىنىڭ بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئۇنىڭ ھويلا-ئارانلىرىنى ئىلمىي پىلانلاپ، ئۇنىڭغا ئون مو يەر ئاجرىتىپ بېرىپ، ئۇنىڭ خاس «مېۋىلىك باغ»نى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ياردەم بەردى. ئۇ ئارقا- ئارقىدىن توقاچ شاپتۇل، يەرلىك شاپتۇل، ئەينۇلا، ئەنجۈر، ياڭاق، ئانار ۋە بادام قاتارلىق مېۋىلىك دەرەخ كۆچەتلىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ تىكتى، ھازىر ئامان ئىبراھىمنىڭ ھويلىسىدىكى ھەرخىل مېۋىلىك دەرەخلەر مول ھوسۇل بېرىش مەزگىلىگە كىردى .

  «باغدىكى مېۋىلىك دەرەخلەر ئون خىلدىن كەم ئەمەس، 6- ئايدىن 11- ئايغىچە ئوخشاش بولمىغان مېۋىلەر بازارغا سېلىنىدۇ. بۇ يىل شاپتۇل سېتىپلا 20 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدىم،»دېدى ئامان ئىبراھىم خۇشال ھالدا.

  باغنىڭ يەردىن پايدىلىنىش نىسبىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، باغنىڭ ئۈنۈمىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، خىزمەت ئەترىتى يەنە ئامان ئىبراھىمنى يېتىلگەن مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ ئارىسىدىكى بوش يەردىن پايدىلىنىپ، دەرەخلەر ئارىسىدا كۆچەت مايسىسى يېتىشتۈرۈشكە ئىلھاملاندۇردى، بۇ يىل 4 - ئايدا، ئۇ دەرەخلەر ئارىسىدىكى بوش يەردىن پايدىلىنىپ يېتىشتۈرگەن 25 مىڭ تۈپ ياڭاق كۆچىتىدىن 30 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدى.

  ئىنچىكە كەنتى شايار ناھىيەسىنىڭ شەھەر- يېزا تۇتاشقان جايىدا بولۇپ، قاتنىشى ئىنتايىن قولايلىق. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىزمەت ئەترىتى بۇ كەنتنىڭ ناھىيە بازىرىغا يېقىن بولۇشتەك ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە باغۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىشقا يېتەكلەپ، ئۇلارنى «ھويلا- ئاران ئىگىلىكى» نى ياخشى قىلىپ، ياڭاق، ئەنجۈر، يەرلىك شاپتۇل، ئۈزۈم تىكىش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولىغا باشلىدى .

  «خاس باغۋەنچىلىك تەرەققىياتىنى ياخشى قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىز يەنە يەر شارائىتىمىزنىڭ ئەۋزەللىكىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، ئۈزۈش بازىسى، كۆڭۈل ئېچىش، يېمەك- ئىچمەك بىر گەۋدە قىلىنغان خاس باغۋەنچىلىك كەسىپ زەنجىرىنى بەرپا قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىمىز،» دېدى خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى جەي لېي .

  ئاقسۇ گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى