تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

[70 يىل.ئائىلەمدىكى ئۆزگىرىش] كۆكتوقاي: كان رايونى مەنزىرە رايونىغا ئۆزگەردى ئائىلەمنىڭ ھېكايىسى كۆپ

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز سو رۇڭجې): «كۆپچىلىك ھازىر تۇرۇۋاتقان جاي دەل كۆكتوقاي دۆلەتلىك كان باغچىسى مەنزىرە رايونى، بۇ ھەم بوۋام، دادام ۋە مەن بولۇپ بىر ئائىلىدىكى ئۈچ ئەۋلاد خىزمەت قىلغان، تۇرمۇش كەچۈرگەن جاي.» 9-ئاينىڭ 3-كۈنى، مەنزىرە رايونىغا ئەمدىلا قەدەم قويغان بىر تۈركۈم ساياھەتچىلەرگە تەن شېڭلى شۇنداق دېدى.

33 ياشلىق تەن شېڭلى ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ كۆكتوقاي ناھىيەسىدىن كەلگەن بولۇپ، كۆكتوقاي دۆلەتلىك كان باغچىسى مەنزىرە رايونى تىجارەت بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى، بوش ۋاقىتلىرىدا، ئۇ يەنە «قوشۇمچە ۋەزىپە» سۈپىتىدە كۈتۈۋېلىش خىزمىتى قىلىپ، ساياھەتچىلەرگە كۆكتوقاينىڭ ھېكايىلىرىنى سۆزلەپ بېرىدۇ.

سۈرەتنى زىيارەت قوبۇل قىلغۇچى تەمىنلىگەن

بىر ئائىلە كىشىلىرى گەمىدە قىستىلىپ تۇرۇش رۇدا تاشلىرىنى مۈرىسىگە ئېلىپ توشۇش

1952-يىلى، تەن شېڭلىنىڭ بوۋىسى تەن چىيې 27 ياشتا بولۇپ، گەرچە شەندۇڭدا ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولغان بولسىمۇ، لېكىن تۇرمۇشى قىيىنچىلىقتا بولغاچقا، ئۇ چىقىش يولى تېپىش ئۈچۈن باش قاتۇردى. ئۇ شىنجاڭدىكى يىراق بىر تۇغقىنىدىن تۇرمۇشىنىڭ خېلى ياخشى ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، خوتۇن-بالىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ كۆكتوقاي بازىرىغا كېلىپ، تۇغقىنىدىن پاناھلىق ئىزدىدى.

ئۈچ يىلدىن كېيىن 1955-يىلى 1-ئايدا، كۆكتوقاي كان رايونىدىكى بارلىق كارخانىلار مەركەزنىڭ بىۋاسىتە باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈۋېلىندى. كۆكتوقايدا «كان ئېچىش قىزغىنلىقى» كۆتۈرۈلۈپ، تەن چىيې كان قېزىش چوڭ قوشۇنىغا قوشۇلدى.

كۆكتوقاينىڭ كەڭ كۆلەمدە ئېچىلىشىغا ئۈلگۈرۈپ، تەن چىيې ناھايىتى ئوڭۇشلۇق ھالدا بىر نەپەر كان ئىشچىسى بولۇپ، ئاساسلىقى تاغدىن تۆۋەنگە رۇدا توشۇشقا مەسئۇل بولدى. ئۇ كان ئىشچىلىرى بىلەن رۇدىنى چانا ياكى سېۋەتكە قاچىلاپ، ئاندىن ئات، ئېشەك بىلەن ھەتتا مۆرىسىگە يۈدۈپ تاغدىن ئېلىپ چۈشتى.

كېسەك ئۆيدىن پاراۋانلىق ئۆيىگە كۆچۈپ كىرىش «ئەمدى قىشتا توڭلىمايدىغان بولدۇق»

1980-يىلى، تەن شېڭلىنىڭ بوۋىسى تەن چىيې پېنسىيەگە چىققاندا، تەن شېڭلىنىڭ دادىسى تەن چاڭچۈن ئاللىبۇرۇن بىر نەپەر كان ئىشلىرى ساقچىسى بولغانىدى.

«توينى كېسەك ئۆيدە قىلغان» تەن چاڭچۈننىڭ دېيىشىچە،  ئۇ تاكى خىزمەتكە چىققۇچە گەمە ئۆيدە تۇرغان، كېيىن بىر ئائىلە كىشىلىرى كېسەك ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەن. تەخمىنەن 35 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان ئۆي بىر نەچچە تاختاي بىلەن ياتاق ئۆي، ئاشخانا، مېھمانخانىغا بۆلۈنگەن بولۇپ، بىر ئائىلىدىكى ئالتە جان بىللە تۇرغان.

1999-يىلى، ئىدارە تەن چاڭچۈنگە بىر يۈرۈش پاراۋانلىق ئۆيى تەقسىم قىلىپ بەردى. تەن چاڭچۈن مۇنداق دېدى: بىنا ئۆيگە قىشتا مەركەزلەشتۈرۈپ پار بېرىلىدىغان بولغاچقا، توڭلىمايدىغان بولدۇق.

كان ئېچىش قىيىنلىق دەرىجىسىنىڭ ئېشىشى، دۆلەت ئىچىدىكى مېتال قېزىلما بايلىقلارنىڭ يېڭىدىن بايقىلىشى قاتارلىقلارغا ئەگىشىپ، كۆكتوقاي كانچىلىقى تەدرىجىي ئاجىزلىشىشقا يۈزلەندى. 1999-يىلى 11-ئايدا، كۆكتوقاي كېنى قېزىشتىن توختىتىلدى.

يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرىش ساياھەت كارخانىسىدا ئىشقا چۈشۈش

كۆكتوقاي كان رايونىدىكى كارخانىلارمۇ ئاكتىپلىق بىلەن تىپ ئۆزگەرتىپ، ساياھەت شىركىتى بولۇپ قۇرۇلۇپ، كان تاغلىرىنى ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسى قىلىپ ئۆزگەرتتى، تەن شېڭلى ۋە باشقا «كان ئۈچ ئەۋلاد»لىرىمۇ تىپ ئۆزگەرتىپ ساياھەت شىركىتىدە ئىشلەپ، كۆكتوقاينى داۋاملىق چىڭ ساقلىدى.

بۇ ئىككى يىلدا، تەن شېڭلى كۆكتوقايدىن يېڭى بىنا ئۆي سېتىۋالدى، يەنە ئائىلە قۇردى. ئۇ تۇرغان بىنا ئۆي ئىلگىرىكى پاراۋانلىق ئۆيىدىن تېخىمۇ چوڭ بولۇپ، ئۆينىڭ بېزىلىشى راھەت، ئىللىق ئىدى.

تەن ئائىلىسىدىكى ئۈچ ئەۋلاد كىشىنىڭ ھېكايىسى كۆكتوقاينىڭ كان رايونىدىن مەنزرە رايونىغىچە بولغان ئۆزگىرىشىنىڭ ئىخچام كارتىنىسى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى