تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مائارىپ

«بۈگۈن مەن ئوقۇتقۇچى بولاي»

9-ئاينىڭ 10-كۈنى، خەيلياڭ باشلانغۇچ مەكتىپى 5-يىللىق 9-سىنىپتىكى خې جيالۇ (ئوڭدا) ۋە جېڭ يۈەنرۇلار 1-يىللىق 9-سىنىپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا دەرس ئۆتمەكتە.

شىنخۇا تورى خەۋىرى: 9-ئاينىڭ 10-كۈنى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى، جېجياڭ ئۆلكىسى جۇجى شەھىرى خەيلياڭ باشلانغۇچ مەكتىپى «مۇئەللىم جاپا چەكتىڭىز، مەن بىر قېتىم كىچىك ئوقۇتقۇچى بولاي» دېگەن تېمىدا ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. يۇقىرى يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلار كۆڭۈل قويۇپ دەرس تەييارلىغاندىن كېيىن، تۆۋەن يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلارغا دەرس ئۆتۈپ، «رول ئېلىش» جەريانىدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ جاپاسىنى ھېس قىلدى.

9-ئاينىڭ 10-كۈنى، خەيلياڭ باشلانغۇچ مەكتىپى 6-يىللىق 7-سىنىپتىكى يۈ لۇياۋ 2-يىللىق 7-سىنىپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا دەرس ئۆتمەكتە.

9-ئاينىڭ 10-كۈنى، خەيلياڭ باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ 2-يىللىق 10-سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى يۇقىرى يىللىقتىن كەلگەن «ئوقۇتقۇچى»سىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن قول كۆتۈرمەكتە.

9-ئاينىڭ 10-كۈنى، خەيلياڭ باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ 6-يىللىق 10-سىنىپتىكى ساۋاقداشلار «دەرس تەييارلاپ» تۆۋەن يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلارغا دەرس ئۆتۈشكە تەييارلىق قىلماقتا.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خەن چۈەنخاۋ فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى نەقلەشتى
  • شىنجاڭدا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يېڭىلىنىپ 731.3 كىلوگىرامغا يەتتى
  • يازدا قومۇل مىڭشا تېغىغا بېرىش