تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

كۈزلۈك ئىشتانلىرىڭىزنى تەييارلاڭ! بۈگۈن شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا يامغۇر ياغىدۇ

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز يۈ مېڭفەن، جاڭ ۋەندې فوتوسى، خەۋىرى) شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى كۈز كىرگەندىن بۇيانقى ئەڭ كۈچلۈك سوغۇق ھاۋانى كۈتۈۋالدى، تېمپېراتۇرا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىدى، قىسمەن تاغلىق رايونلاردا قار ياغدى.

  9- ئاينىڭ 10- كۈنىدىكى يامغۇردىن كېيىن، 9- ئاينىڭ 11- كۈنى شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا يامغۇر ياغىدىكەن، تېمپېراتۇرا 9- ئاينىڭ 10- كۈنى بىلەن زور دەرىجىدە پەرقلەنمەيدىكەن. غۇلجا شەھىرى، بورتالا شەھىرى، سانجى شەھىرىدە 9- ئاينىڭ 11- كۈنى ئازراق يامغۇر ياغىدىكەن؛ ئالتاي شەھىرى، چۆچەك شەھىرى، قاراماي شەھىرى، كۈيتۈن شەھىرىدە ئۆتكۈنچى يامغۇر ياغىدىكەن؛ شىخەنزە شەھىرىدە ئوتتۇراھال يامغۇر ياكى ئۆتكۈنچى يامغۇر ياغىدىكەن. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا يامغۇر ياغىدىكەن.

  ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۈگۈن ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃16 ، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃9 بولۇپ، 4~3 بالغىچە غەربىي شىمال شامىلى چىقىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى نەقلەشتى
  • شىنجاڭدا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يېڭىلىنىپ 731.3 كىلوگىرامغا يەتتى
  • يازدا قومۇل مىڭشا تېغىغا بېرىش