تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

2019-يىللىق مائارىپقا ياردەم بەرگۈچى كادىرلارغا يېزىلغان بىر پارچە خەت

  2018- يىل 9- ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق - مال دوختۇرلۇق ئىدارىسىنىڭ سەكسەنتال 16-كەنتى بالىلار باغچىسىدا تۇرۇشلۇق مائارىپقا ياردەم بەرگۈچى كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پويىزغا ئولتۇرۇپ بۇ يەرگە يېتىپ كەلدىم.

  بىر يىللىق مائارىپقا ياردەم بېرىش تۇرمۇشى، ماڭا بىر لاياقەتلىك مائارىپقا ياردەم بەرگۈچى كادىر بولۇش ئۈچۈن مۇنبەردە چىڭ تۇرۇپلا قالماي يەنە ، باشتىن-ئاخىر مېھىرلىك قەلب، تولۇپ-تاشقان قىزغىنلىق ۋە ئىجادچانلىقنى ساقلاپ، بىر يىلدا ئۆمۈرۋايەت ئۇنتۇلغۇسىز ئىش قىلىش كېرەكلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى.

سەي يىرۈي بالىلار بىلەن بىللە.

  بالىلارغا ياردەملىشىپ دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، بالىلاردا سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ئېڭى يېتىلدۈرۈش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز، شۇنداقلا بىزنىڭ بۇرچىمىز. يېڭى بىر تۈركۈم مائارىپقا ياردەم بېرىش كادىرلىرى، سىلەرنىڭ بۇ مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى چىڭ ساقلاپ داۋاملىق ئالغا مېڭىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن! بۇ يەردە، مەن ئۆزەمنىڭ مائارىپقا ياردەم بېرىشتىكى تەسىراتىمنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشماقچى، سىلەرگە ياردىمى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  مائارىپقا ياردەم بەرگۈچى، «ئالتە يۈرەكنى» ئېلىپ مېڭىشنى ئۇنتۇماسلىقى كېرەك. بىرىنچى، ئاڭلىق بولۇشىمىز كېرەك. مائارىپقا ياردەم بەرگۈچى كادىر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز قەتئىي ئاڭلىق ھالدا ئىدىيە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇھىم تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

  ئىككىنچى، مەسئۇلىيەتچان بولۇشىمىز كېرەك. مائارىپقا ياردەم بەرگۈچى كادىر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، خىزمەتتە ۋە تۇرمۇشتا ئىتتىپاقلىشىپ، دوستلىشىپ، ئۆز ئارا ياردەم قىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىمىزگە ئېلىپ، كۆڭۈل قويۇپ ياخشى خىزمەت قىلىشىمىز كېرەك.

دەرسخانىدا سەي يىرۈي بالىلارغا تاڭزۇڭزا سىزىشنى ئۆگەتمەكتە.

    ئۈچىنچى، ئۆزىمىزگە ئىشىنىشىمىز كېرەك. مائارىپقا ياردەم بەرگۈچى بولغىنىڭىزدا ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ.

 تۆتىنچى، ئالغا ئىنتىلىش روھى بولۇشى كېرەك. مائارىپقا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن، بىز نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىشىمىز، ئىزدىنىشىمىز، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە سالاھىيىتىمىزنى ئۆزگەرتىشىمىز، مائارىپ ئاساسىي بىلىملىرىنى ئىگىلىشىمىز، ساغلاملىق، تىل، جەمئىيەت، پەن-تېخنىكا، سەنئەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەزمۇنلارنى ئۆگىنىشىمىز كېرەك.

 بەشىنچى، مېھرىبان بولۇشىمىز كېرەك. بىزنىڭ ھەر كۈنى يۈزلىنىدىغىنىمىز سەبىي بالىلار، بالىلار ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىز ئوقۇتقۇچى بولۇپلا قالماي، يەنە تۇغقىنى. بىز تولۇپ-تاشقان مېھىر-مۇھەببەت، ھەقىقىي چىن قەلبىمىز بىلەن ئۇلارغا ھەمراھ بولۇپ بىرگە ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئۇلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى مەرىپەتچى ۋە يول باشلىغۇچى بولۇشىمىز كېرەك.

    بالىلار بىلەن بىرگە دەرەخ يوپۇرمىقى يىغىپ، تۆت پەسىلدىكى ئۆزگىرىشلەرنى بىلدۈرۈش.

 ئالتىنچى، سەۋرچان بولۇشىمىز كېرەك. بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش مۇھىتىدا ئورتاق تىل ئۆگىنىش مۇھىتى كەمچىل بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاڭلاپ چۈشىنىش، سۆزلەش، يېزىش ئىقتىدارى تۆۋەنرەك. بالىلارغا ياردەملىشىپ ئۇلارنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى ئويلىساق، بىز چوقۇم سەۋرچان بولۇپ، تۈرلۈك ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىشىگە ياردەم بېرىپ، ئاڭلاپ سۆزلەش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشىگە ياردەم قىلىشىمىز كېرەك.

مائارىپقا ياردەم بېرىش داۋامىدىكى سەي يىرۈي ۋە بالىلار

  ۋاقىت ئالدىراشلىق ئىچىدە ئۆتۈپ كەتتى، بىر يىل ۋاقىتمۇ ناھايىتى تېزلا ئۆتۈپ كەتتى، مەن بالىلار بىلەن بىرگە ئۆسۈپ يېتىلدىم، ئۇلارمۇ مېنىڭ ھاياتىمدىكى ئەڭ گۈزەل ئۇچرىشىش بولۇپ قالدى. 2019-يىللىق مائارىپقا ياردەم بەرگۈچى كادىرلارنىڭ يەلكەننى كۆتۈرۈپ يولغا چىقىپ، مائارىپقا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئۇتۇقلۇق تاماملىشىنى، شىنجاڭنىڭ مائارىپ خىزمىتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى