تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

دۆلەت پۇتبول كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىدە چوڭ نومۇر پەرق بىلەن غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى

ۋۇ لېي بىلەن ئەي كېسېن غەلىبىنى تەبرىكلىمەكتە.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، مالې، 9- ئاينىڭ 10- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر ليۇ يۈ): 9- ئاينىڭ 10- كۈنى جۇڭگو پۇتبول تارىخىغا خاتىرىلىنىدىغان بىر كۈن بولدى! دۆلەت تەۋەلىكىنى ئۆزگەرتىپ جۇڭگو دۆلەت ئەرلەر پۇتبول كوماندىسىغا ۋاكالىتەن  مۇسابىقىگە قاتناشقان تۇنجى ماھىر بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەي كېسېن ئىككى توپ كىرگۈزۈپ، دۆلەت پۇتبول كوماندىسىنىڭ 2022-يىللىق قاتار دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئاسىيا رايونى بويىچە ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسى (40 كۈچلۈكلەر مۇسابىقىسى)دا مېھمان مەيداندا 0گە قارشى 5 نەتىجە بىلەن مالدىۋې كوماندىسىنى يېڭىپ، تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە كۈچ قوشتى.

ئەي كېسېن مالدىۋې كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە تارىخ ياراتتى. ئەي كېسېن لى كېدىن كېيىن جۇڭگو كوماندىسىغا كىرگەن، جۇڭگو دۆلەت تەۋەلىكىگە ئۆتكەن ئىككىنچى ماھىر، شۇنداقلا جۇڭگو دۆلەت كوماندىسىنىڭ جۇڭگو قانداشلىقى بولمىغان تۇنجى ماھىرى.

ئىككى كوماندا بۇنىڭدىن بۇرۇن تۆت قېتىم مۇسابىقىلەشكەن بولۇپ، جۇڭگو كوماندىسى ھەممە مەيدان مۇسابىقىدە غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەنىدى. ئەمەلىي كۈچ جەھەتتىكى پەرق تۈپەيلىدىن مۇسابىقە باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا يېرىم مەيداندا ھۇجۇم مۇداپىيە جېڭى ھالىتى شەكىللەندى. مۇسابىقىنىڭ 34-مىنۇتىدا، ۋۇ شى كاللا توپ كىرگۈزۈپ، دۆلەت پۇتبول كوماندىسى ئۈچۈن غەلىبە سىگنالى چالدى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن، ۋۇ لېي چەكلەنگەن رايون ئىچىدە كاللا توپ كىرگۈزدى، نەتىجە 0:2 بولدى.

كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە دۆلەت پۇتبول كوماندىسى مەيداندا يەنىلا ئاكتىپ ئورۇننى ئىگىلىدى. 64 مىنۇت بولغاندا، جۇڭگو كوماندىسى نۇقتا توپ پۇرسىتىگە ئېرىشتى، ياڭ شۈ نۇقتا توپنى ۋاراتاغا كىرگۈزدى. دۆلەت پۇتبول كوماندىسى 0:3 نەتىجىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى، مۇسابىقىدە يېڭىش-يېڭىلىش ئايدىڭلىشىپ بولدى.

ئۇنىڭدىن كېيىنكى مۇسابىقە بەئەينى ئەي كېسېننىڭ شەخسىي تالانتىنى كۆرسىتىش مۇسابىقىسىگە ئوخشاپ قالدى. ۋېي شىخاۋ مۇسابىقە باشلىنىپ 81 مىنۇت بولغاندا دۆلەت كوماندىسى ئۈچۈن نۇقتا توپ پۇرسىتى ياراتتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قارشى تەرەپ كوماندىسىدىن بىر ماھىر ئىككىنچى سېرىق كارتا جازاسىغا ئۇچراپ مەيداندىن چىقىرىلدى. ئەي كېسېن نۇقتا توپنى ۋاراتاغا كىرگۈزدى، بۇ ئۇنىڭ دۆلەت كوماندىسىدىكى تۇنجى كىرگۈزگەن توپى. مۇسابىقە ئاخىرلىشىشقا ئاز قالغاندا، ئەي كېسېن مۇشۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى ئىككىنچى توپىنى كىرگۈزدى.

بۇ قېتىملىق 40 كۈچلۈكلەر مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو كوماندىسى فىلىپپىن كوماندىسى، گۇئام ئارىلى كوماندىسى، سۇرىيە كوماندىسى ۋە مالدىۋې كوماندىسى بىلەن A گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەنىدى. بۇ گۇرۇپپىدىكى ئۇرۇق كوماندا بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۆلەت پۇتبول كوماندىسى تۇنجى ئايلانمىدا مۇسابىقىلەشمىدى. مالدىۋې كوماندىسى مېھمان مەيداندا 0گە قارشى 1 نەتىجە بىلەن گۇئام ئارىلى كوماندىسىنى يەڭدى.

شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن يەنە بىر مەيدان گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە، فىلىپپىن كوماندىسى قارشى تەرەپ مەيدانىدا 1گە قارشى 4 نەتىجە بىلەن گۇئام كوماندىسىنى يەڭدى.

بۇ مەيدان مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، جۇڭگو كوماندىسى، سۇرىيە كوماندىسى، فىلىپپىن كوماندىسى ۋە مالدىۋې كوماندىسى ئۈچ نومۇرغا ئېرىشتى، دۆلەت پۇتبول كوماندىسى ساپ كىرگۈزگەن توپ ئەۋزەللىكى بىلەن ۋاقتىنچە A گۇرۇپپىنىڭ بىرىنچى ئورنىغا تىزىلدى.

بۇ قېتىملىق 40 كۈچلۈكلەر مۇسابىقىسىنىڭ قائىسىدىگە ئاساسەن، سەككىز كىچىك گۇرۇپپىدا بىرىنچى بولغان كوماندا بىلەن نەتىجىسى ياخشى بولغان، گۇرۇپپىدا ئىككىنچى بولغان تۆت كوماندا كېيىنكى ئايلانمىدىكى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئاسىيا رايونى بويىچە ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسى 12 كۈچلۈكلەر مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ. مۇسابىقە كۈن تەرتىپىگە ئاساسەن، جۇڭگو كوماندىسى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى ساھىبخانا مەيداندا گۇئام ئارىلى كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.

جۇڭگو كوماندىسىنىڭ ماھىرلىرى توپ كىرگۈزگەنلىكىنى تەبرىكلىمەكتە.

ئەي كېسېن مۇسابىقىدە.

ۋۇ لېي مۇسابىقىدە.
مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى