كۆپ قىسىم ئاڭلاش ئىقتىدارىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى تەدرىجىي بولىدۇ، شۇڭا دەسلەپكى مەزگىلدە ئۆزى ئاسانلىقچە بايقىيالمايدۇ، ئادەتتە ئەتراپتىكىلەر بايقاپ قالىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئامېرىكا دۆلەتلىك سەھىيە تەتقىقات ئورنى قارىمىقىدىكى، دۆلەت گاسلىق ۋە باشقا ئالاقە توسالغۇسى تەتقىقات ئورنى «ئاڭلاش ئىقتىدارىنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى سىنايدىغان 10 سوئال»نى تىزىپ چىقتى، پەقەت 3 سوئالغا «ھەئە» دەپ جاۋاب بېرىلسىلا، دوختۇرخانىغا بېرىپ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا دىياگنوز قويۇشى كېرەك.
1. تېلېفون قىلغاندا ئېنىق ئاڭلىيالمايدىغاندەك ھېس قىلامسىز ؟ 2. ئەگەر ئىككى ئادەم بىرلا ۋاقىتتا گەپ قىلسا، ئېنىق ئاڭلىيالماسلىق سەۋەبىدىن پىكىر ئالماشتۇرۇشتا قىينىلىپ قالامسىز؟ 3. تېلېۋىزور ئاۋازىنىڭ يۇقىرىلىقىدىن ئاغرىنىدىغانلار بارمۇ؟ 4. باشقىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغاندا، چۈشىنىشىڭىز تەسكە توختامدۇ ؟ 5. ئەتراپتىكى شاۋقۇنلۇق مۇھىتتا، ئاڭلىشىڭىز تەسكە توختامدۇ؟ 6. دائىم باشقىلارغا «يەنە بىر قېتىم دېيىش» تەكلىپىنى بېرەمسىز؟ 7. باشقىلارنىڭ گېپىنىڭ مۈجمەل ياكى ئېنىق ئەمەسلىكىنى ھېس قىلامسىز؟ 8. دائىم باشقىلارنىڭ گېپىنى خاتا چۈشىنىپ، باغدىن سورىسا تاغدىن جاۋاب بېرەمسىز ؟ 9. ئاياللار ياكى بالىلارنىڭ گېپىنى تەستە ئاڭلامسىز ؟ 10. بىرەرسى سىزنىڭ ئۇلارنىڭ مەقسىتىنى خاتا چۈشىنىپ قالغانلىقىڭىزدىن ئاغرىنىپ باققانمۇ؟ (شۈ ۋېنتىڭ)
خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى