تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسى: نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش مەبلىغىنى ئېلىپ، گۈزەل تۇرمۇش يارىتىش

  تىيانشان تورى خەۋىرى: «بۇ پۇلغا مەن بىر نەچچە قوي سېتىۋېلىپلا قالماي يەنە قوتان سېلىپ تېخىمۇ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرەلەيمەن.» يېقىندا، يېڭىشەھەر ناھىيەسى يېڭىئاۋات يېزىسى گوندىلۇقۇم كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى بەختىخان يۈسۈپ نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش مەبلىغىنى قولىغا ئېلىپ ھاياجانلانغان ھالدا شۇنداق دېدى.

  بۇ تۈرلۈك مەبلەغنى ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئالاقىلىشىشى بىلەن بېيجىڭ شەھەرلىك رېنئەي خەير-ساخاۋەت فوندى جەمئىيىتى ئىئانە قىلغان بولۇپ، قىيىنچىلىقى بار 22 نامرات ئائىلىگە ياردەم بېرىش-يۆلەش، ئۇلارنىڭ ھويلا-ئاران، تۇرالغۇ مۇھىتىنى ياخشىلاش، ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى ۋە ئاساسىي تۇرمۇش ئۆي جاھازىلىرىنى سېتىۋېلىش، تۇرمۇش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشقا ئىشلىتىلىدىكەن.

  مەبلەغ ئارقىلىق ياردەم بېرىشتىن سىرت، بېيجىڭ شەھەرلىك رېنئەي خەير-ساخاۋەت فوندى جەمئىيىتى يەنە ئىئانىگە ئېرىشكەن ئائىلىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش جەريانىدا دۇچ كەلگەن قىيىنچلىقلىرىنى نەق مەيداندا ئىگىلەپ، ئۇلارنىڭ ئامال-چارە تېپىشىغا ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ باش قېتىنچىلىقى، غەم-ئەندىشىسىنى ھەل قىلدى.

  خىزمەت ئەترىتى ۋە بېيجىڭ شەھەرلىك رېنئەي خەير-ساخاۋەت فوندى جەمئىيىتىنىڭ ياردىمى ئاستىدا، 64 ياشلىق كەنت ئاھالىسى روشەنخان ئىمىن يەنە بىر يېڭى، گۈزەل ئارزۇنى كۆڭلىگە پۈكتى. «مەن بۇ پۇل بىلەن پاكىز، چىرايلىق ئاشخانىدىن بىرنى سالىمەن، يەنە تېخى ئەتراپىغا تام ئېتىمەن» دېدى روشەنخان ئىمىن خۇشال ھالدا.

  (ماقالىنى ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر بىرلەشمىسىنىڭ يېڭىشەھەر ناھىيەسى يېڭىئاۋات يېزىسى گوندىلۇقۇم كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىن لى كەي، بايان سەكېن تەمىنلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى