تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى قارا يامغۇر قىزىل رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقاتتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى: شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 20:27 ئۆتكەندە، قارا يامغۇر قىزىل رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقاتتى: ئۆتكەن ئالتە سائەت ئىچىدە، ئۈرۈمچى شەھىرى مىچۈەن-دۇڭسەن رايونى يۈسىبۇجى كەنتى دۇڭنەن بېكىتىدە قىسقا ۋاقىتلىق كۈچلۈك ھۆل-يېغىن كۆرۈلۈپ، ھۆل-يېغىن مىقدارى 43.4 مىللىمېتىر بولدى، مۆلچەرلىنىشىچە، كەلگۈسى ئۈچ سائەتتە بۇ رايوندا ھۆل-يېغىن ئۇدا كۆرۈلۈپ، تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قارا يامغۇر يېغىپ قىيان، لاتقا-شېغىللىق ئېقىن، تاغ گەۋدىسى گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش قاتارلىق گېئولوگىيەلىك ئاپەتلەرنىڭ مېتېئورولوگىيەلىك خەۋپ - خەتەر دەرىجىسى يۇقىرى بولىدىكەن، شۇڭا ئالدىنى ئېلىش خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى نەقلەشتى
  • شىنجاڭدا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يېڭىلىنىپ 731.3 كىلوگىرامغا يەتتى
  • يازدا قومۇل مىڭشا تېغىغا بېرىش