تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 71 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى جىن جېڭئېنغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9- ئاينىڭ 9- كۈنى تېلېگراممىسى 9- ئاينىڭ 9- كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 71 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ كومىتېت باشلىقى، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ كومىتېت باشلىقى جىن جېڭئېنغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېدى: چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىغا 71 يىل بولغان پەيتتە، مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى، جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن، يولداش كومىتېت باشلىقى ھەم سىز ئارقىلىق چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسى، چاۋشيەن ھۆكۈمىتى، چاۋشيەن خەلقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن ۋە سەمىمىي تىلىكىمنى يوللايمەن.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 71 يىلدىن بۇيان، چاۋشيەن خەلقى چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى. يولداش كومىتېت باشلىقى باشچىلىقىدىكى چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، چاۋشيەننىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ يېڭى ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرگە جەزمەن ئېرىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەن يولداش كومىتېت باشلىقى بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىككى دۆلەت دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى تارىخىي مەزگىلدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن. چاۋشيەننىڭ گۈللەپ ياشنىشىغا، خەلقىنىڭ بەختلىك، خاتىرجەم بولۇشىغا تىلەكداشمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.