تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك

شى جىنپىڭ دۆلەت كۇتۇپخانىسىدىكى پېشقەدەم مۇتەخەسسىسلەرگە جاۋاب خەت يېزىپ مۇنداق تەكىتلىدى

توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك

جاۋاب خەت

دىڭ يۈ، شۆ ديەنشى قاتارلىق يولداشلار:

ياخشىمۇ سىلەر! خېتىڭلارنى تاپشۇرۇۋېلىپ، مەزمۇنىدىن خەۋەر تاپتىم. سىلەر دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنمۇ يەنىلا دۆلەت كۇتۇپخانىسىنىڭ تەرەققىياتى ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۆزۈڭلارنىڭ «مەدەنىيلىككە ۋارىسلىق قىلىش، جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش»تىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسەتنى چىڭ ساقلىغانلىقىڭلارنى نامايان قىلدىڭلار.

110 يىلدىن بۇيان، دۆلەت كۇتۇپخانىسى جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىگە ۋارىسلىق قىلىش، خەلقنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاكتىپ رول ئوينىدى. ئەۋلادمۇئەۋلاد دۆلەت كۇتۇپخانىسى خادىملىرى بۇنىڭ ئۈچۈن ئەقىل - پاراسىتىنى ۋە كۈچىنى سەرپ قىلدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن دۆلەت كۇتۇپخانىسىدىكى بارلىق يولداشلارغا سەمىمىي سالام يوللايمەن.

كۇتۇپخانا دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىيات سەۋىيەسىنىڭ مۇھىم بەلگىسى، مىللەتنىڭ قەلبىنى ئوزۇقلاندۇرىدىغان، مەدەنىيەت ئىشەنچىسىنى يېتىلدۈرىدىغان مۇھىم سورۇن. دۆلەت كۇتۇپخانىسىنىڭ توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مۇلازىمەت ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ كىتاب ئوقۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلقنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ

2019 - يىلى 9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9- ئاينىڭ 9- كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت كۇتۇپخانىسى قۇرۇلغانلىقىغا 110 يىل بولغان پەيتتە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ دۆلەت كۇتۇپخانىسىدىكى سەككىز پېشقەدەم مۇتەخەسسىسكە جاۋاب خەت يېزىپ، دۆلەت كۇتۇپخانىسىدىكى بارلىق يولداشلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى، دۆلەت كۇتۇپخانىسىنىڭ سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە مۇنداق كۆرسەتتى: سىلەر دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنمۇ يەنىلا دۆلەت كۇتۇپخانىسىنىڭ تەرەققىياتى ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۆزۈڭلارنىڭ «مەدەنىيلىككە ۋارىسلىق قىلىش، جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش»تىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسەتنى چىڭ ساقلىغانلىقىڭلارنى نامايان قىلدىڭلار.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 110 يىلدىن بۇيان، دۆلەت كۇتۇپخانىسى جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىگە ۋارىسلىق قىلىش، خەلقنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاكتىپ رول ئوينىدى. دۆلەت كۇتۇپخانىسى خادىملىرى ئەۋلادمۇئەۋلاد بۇنىڭ ئۈچۈن ئەقىل - پاراسىتىنى ۋە كۈچىنى سەرپ قىلدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن دۆلەت كۇتۇپخانىسىدىكى بارلىق يولداشلارغا سەمىمىي سالام يوللايمەن.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: كۇتۇپخانا دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىيات سەۋىيەسىنىڭ مۇھىم بەلگىسى، مىللەتنىڭ قەلبىنى ئوزۇقلاندۇرىدىغان، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى يېتىلدۈرىدىغان مۇھىم سورۇن. دۆلەت كۇتۇپخانىسىنىڭ توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مۇلازىمەت ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ كىتاب ئوقۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلقنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. (جاۋاب خەتنىڭ تولۇق تېكىستى ئايرىم بېرىلدى)

دۆلەت كۇتۇپخانىسى 1909- يىلى قۇرۇلغان، ھازىر كۇتۇپخانىدا ساقلانغان ماتېرىيال كىتاب ۋە ھۈججەتلەرنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 40 مىليون پارچىغا يېقىن بولۇپ، يىلدا 5 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ئوقۇرمەننى كۈتۈۋالىدۇ. يېقىندا، دۆلەت كۇتۇپخانىسىدىكى دىڭ يۈ، شۆ ديەنشى قاتارلىق سەككىز پېشقەدەم مۇتەخەسسىس باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، پېشقەدەم بىر ئەۋلاد دۆلەت كۇتۇپخانىسى خادىملىرىنىڭ دۆلەت كۇتۇپخانىسىنىڭ ۋەتەننىڭ گۈللەپ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلغانلىقىدىن ئىپتىخارلىنىدىغانلىقىنى، ئەسلىي مەقسەتنى چىڭ ساقلاش، يېڭى دەۋردىكى كۇتۇپخانا ئىشلىرىنىڭ يەلكەن چىقىرىپ قايتا يولغا چىقىشىغا تۈرتكە بولۇشقا بولغان مۇستەھكەم ئىشەنچىسىنى بىلدۈرگەنىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.