تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى ئاممىنىڭ قەلبىگە يەتكۈزۈش

پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى ئاممىنىڭ قەلبىگە يەتكۈزۈش

− ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار باش تېما تەربىيەسىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، زور كۈچ سەرپ قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى ئەمەلىي ئىشلارنى ياخشى بېجىردى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ چۇنخۇا

باش تېما تەربىيەسىدە، ئاپتونوم رايوندىكى 1- تۈركۈمدە باش تېما تەربىيەسىگە قاتناشقان ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار، ئاممىۋى نۇقتىئىنەزەر ۋە ئاممىۋى لۇشيەننى ئىدىيەسىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، ھەرىكىتىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق ئاممىسى ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى نىشانلاپ، ئەمەلىي تەدبىر ئويلاپ، ھەقىقىي ھەرىكەت قوللىنىپ، زور كۈچ سەرپ قىلىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۆپكە تۇبېركۇليۇزى كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىدىكى ئەمەلىي ئىشلارنى ياخشى ھەل قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.

 نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا «قاتتىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش»قا جۈرئەت قىلىش

باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا ئەزا ئورۇنلار ئەسلىي مەقسەت - بۇرچنى چۆرىدەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشتىكى ئەڭ جىددىي، ئەڭ رېئال مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، بىر قولدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى تۇتتى، بىر قولدا قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالدى. ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ قىياپىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى.

جۈمەكنى ئاچقاندا، سۈپسۈزۈك تۇرۇبا سۈيى شىلدىرلاپ ئېقىپ چۈشتى، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى تاغارما يېزىسى بەغاۋۇل كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى سۈرەنچى كۇلفۇشنىڭ چېھرىدە بەخت كۈلكىسى جىلۋىلەندى، «ئىلگىرى بىزنىڭ بۇ يەردە سۇنىڭ سۈپىتى ياخشى ئەمەس ئىدى، ھازىر پاكىز تۇرۇبا سۈيى ئۆيلەرگە تۇتاشتۇرۇلدى، يۇرتداشلار بەك خۇشال بولۇپ كەتتى!»

باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتى دىققەتنى ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسى ئەڭ گەۋدىلىك بولغان 22 ئېغىر نامرات ناھىيەگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەڭ قاتتىق قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشقا كۈچىدى. بۇ يىل 22 ئېغىر نامرات ناھىيەنىڭ 116 تۈر قۇرۇلۇشىغا جەمئىي 3 مىليارد 320 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، 210 مىڭ نامرات نوپۇسنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسى ھەل قىلىندى. مۆلچەرلىنىشىچە، 10- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، 116 تۈر قۇرۇلۇشى پۈتۈنلەي تاماملىنىپ، 261 مىڭ 500 نامرات نوپۇسنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسى ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىنىدىكەن.

ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى يېزىلاردىكى 9355 ئائىلىلىك ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىنىڭ تۇرالغۇ مەسىلىسىنى زىچ چۆرىدەپ، كۆپ خىل شەكىلنى قوللىنىپ، ھەرقايسى جايلاردىكى يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنىڭ قۇرۇلۇش باشقۇرۇش ئەھۋالىنى ھەرىكەتچان ئىگىلەپ، ئۆي سېلىشنى باشقۇرۇش، سۈپەتنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش، خەتەرلىك ئۆيلەرنى باھالاش، ئارخىپ باشقۇرۇش، ئۇچۇر كىرگۈزۈش قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تەربىيەلەشلەرنى سىجىل قانات يايدۇردى. ھازىرغا قەدەر، 2019- يىللىق ئۆي سېلىش پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن يېزىلاردىكى 9355 ئائىلىلىك ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىنىڭ خەتەرلىك ئۆيلىرىنى باھالاش خىزمىتى ئوڭۇشلۇق تاماملاندى.

ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىگە ئايلاندۇرۇپ، بىر قولدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى تۇتۇپ، بىر قولدا قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، مەنبەدىن تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يوچۇقلارنى ئېتىپ، سىياسەتنىڭ ئائىلىلەرگىچە، ئادەملەرگىچە دەل جايىدا بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئەڭ چوڭ ئۈنۈمنى جارى قىلدۇردى، بۇ يىل 606 مىڭ 100 كىشىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، 976 كەنتنى چېكىندۈرۈپ چىقىش، 12 ئېغىر نامرات ناھىيەنىڭ قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

 يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش

باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستىدىكى يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ تەرەققىيات، مۇقىملىق چوڭ ۋەزىيىتىگە ۋە ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى تۇتۇپ، ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىش ئاساس قىلىنغان تەشكىللىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يېڭى مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، كەسپىي ماھارەتنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، كۆپ خىل تەدبىرلەرنى تەڭ قوللىنىپ، نامرات نوپۇسنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا كۈچ قوشتى.

بىخەتەرلىك قالپىقىنى كىيىپ، توكسىكلىتنى مىنىپ، 9- ئاينىڭ 7- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، پاتىگۈل ھەبىبۇللا ئۆزى مەسئۇل بولغان خوتەن شەھىرى لاسكۇي بازىرىغا جايلاشقان شۇنفېڭ تېز توشۇش - يەتكۈزۈش نۇقتىسىغا باردى. بۇ يىل 8- ئاينىڭ 2- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى شىنجاڭ شۇنفېڭ تېز توشۇش چەكلىك شىركىتى بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تۈرى رامكا ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى. مەنپەئەتلەنگۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، پاتىگۈل شۇنفېڭ تېز توشۇشىنىڭ خىزمەتچىسىگە ئايلاندى.

«ئىلگىرى ئۆيۈمدە قازان بېشىنى، بالىلىرىمنى چۆرگىلەيتتىم، ھازىر ھەربىر كۈنۈم ئالدىراش ھەم مەنىلىك ئۆتۈۋاتىدۇ.» پاتىگۈلنىڭ ئىشەنچكە تولغان كۈلۈمسىرىشى ئەتراپتىكى كىشىلەرنى تەسىرلەندۈردى.

باش تېما تەربىيەسىدە، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە تەكشۈرۈش - كۆزىتىشتە بايقالغان مەسىلىلەرگە قارىتا، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ «جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش لايىھەسى»نى تۈزدى ھەم شىنجاڭ شۇنفېڭ تېز توشۇش چەكلىك شىركىتى بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تۈرى رامكا ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا جەلپ قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، تەشكىللىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتتى. بۇ يىل 6 - ئايدىن ھازىرغىچە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىدىن 132 مىڭ كىشىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى تارماقلار مەۋقەنى ئۆز ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، كۆپ يوللار ئارقىلىق جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئالغا سىلجىتتى.

ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى «باغچە رايونى باش ئىشتابى+نامراتلارنى يۆلەش سېخى» كەسىپ تەرەققىيات ئەندىزىسىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتتى. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش تارماقلىرى ئىستاتىستىكا قىلغان سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، 7 - ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستىدىكى 22 ئېغىر نامرات ناھىيە نامراتلارنى يۆلەش سېخىدىن 2016نى قۇرۇپ، 1995ىنى ئىشلىتىپ، 98 مىڭ كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات نوپۇس 47 مىڭ كىشى ئىكەن.

 ئۆپكە تۇبېركۇليۇز كېسىلىنىڭ داۋالاشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق داۋالاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش

9- ئاينىڭ 6- كۈنى سائەت 9دا، ئاۋات ناھىيەسىنىڭ ئايباغ يېزا تۆۋەنكى ئايكۆل كەنتىدە، كەنت ئاھالىسى چولپانخان نەتنىياز كەنت داۋالاش ئۆيىدە ئۆپكە تۇبېركۇليۇز كېسىلىنىڭ دورىسىنى ۋاقتىدا يېدى. يېرىم سائەتتىن كېيىن، دوختۇر يەنە بىر خالتا سۈت، ئىككى تۇخۇمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەقسىز قۇۋۋەت ناشتىلىقىنى ئۇنىڭ قولىغا يەتكۈزۈپ بەردى.

بۇ يىل 6 - ئايدا، ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈشتە، چولپانخاندا ئۆپكە تۇبېركۇليۇز كېسەل ئالامىتى بارلىقى تەكشۈرۈپ چىقىلدى، ئاۋات ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى قايتا تەكشۈرۈپ، ئاخىرىدا ئېنىق دىياگنوز قويدى. چولپانخان «مەركەزلەشتۈرۈپ دورا ئىچكۈزۈش+قۇۋۋەت ناشتىلىقى» داۋالاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى.

«ئاغرىقنىڭ دەسلەپكى تەشۋىشلىنىشىدىن ھازىرقى ئۆپكە تۇبېركۇليۇزىنى ئىلمىي تونۇشى، ئاكتىپ تەشەببۇسكار ھالدا ۋاقتىدا داۋالىنىشىغىچە، بۇنىڭ ھەممىسى پارتىيەنىڭ ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتى ئاساسىي قاتلامغا ئېلىپ كەلگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەردۇر» دېدى ئايباغ يېزىلىق شىپاخانىنىڭ دوختۇرى ئايجامال سەمەت.

باش تېما تەربىيەسىدە، ئۆپكە تۇبېركۇليۇز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشنى چۆرىدەپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈشكە تايىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سەھىيە - ساغلاملىق سىستېمىسى ئۆپكە تۇبېركۇليۇز كېسىلىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئۆپكە تۇبېركۇليۇزىنى ئىلغاپ تەكشۈرۈشنى جەزمەن تەكشۈرۈلىدىغان تۈر قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 15 ياشتىن يۇقىرى كىشىلەر توپىنى داۋاملىق ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى. بايقالغان يۇقۇملىنىش مەزگىلىدىكى ئاغرىقلارغا قارىتا مەركەزلەشتۈرۈپ ئايرىپ داۋالاشنى يولغا قويدى ھەم كۈندە ئۈچ ۋاق تاماق بىلەن تەمىنلەپ، مەركەزلەشتۈرۈپ ئايرىپ داۋالايدىغان ئاغرىقلارنىڭ يۈكىنى نۆل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى؛ «مەركەزلەشتۈرۈپ دورا ئىچكۈزۈش+قۇۋۋەت ناشتىلىقى» خىزمىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام سەھىيە داۋالاش ئاپپاراتلىرى دورىنى قولىغا يەتكۈزۈشكە، قاراپ تۇرۇپ ئىچكۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئاغرىقلارنىڭ قەرەللىك قايتا تەكشۈرتۈشى، داۋالاش ئۈنۈمىنى باھالىتىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلدى؛ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا كالمېت ۋاكسىنىسى ئەملەش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، بالىلاردا ئۆپكە تۇبېركۇليۇز كېسىلى پەيدا بولۇشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالدى؛ ئۆپكە تۇبېركۇليۇز كېسىلىنى تەكشۈرۈش تۈرىنى يېڭى ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە كىرىشتىكى سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش ۋە ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ دائىملىق سالامەتلىك تەكشۈرۈشىدىكى زۆرۈر تەكشۈرۈش مەزمۇنى قىلىپ، تارقىلىشىنى توسۇپ، كېسەل پەيدا بولۇشىنى ئازايتتى.

كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كېتىش، كېسەل سەۋەبىدىن قايتا نامراتلىشىپ كېتىش ھادىسىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە نامرات تۇبېركۇليۇز ئاغرىقلىرىنى قۇتقۇزۇپ داۋالاش، قۇتقۇزۇپ ياردەم بېرىش، باشقۇرۇش، ياردەم بېرىش - يۆلەشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشتىكى «ئۈچ بىر تۈركۈم» (چوڭ كېسەللەرنى مەركەزلەشتۈرۈش ئارقىلىق بىر تۈركۈمنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش، سوزۇلما كېسەللەرگە كېلىشىم تۈزۈپ مۇلازىمەت قىلىش ئارقىلىق بىر تۈركۈمنى باشقۇرۇش، ئېغىر كېسەللەرنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش ئارقىلىق بىر تۈركۈمنى كاپالەتلەندۈرۈش) قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى