تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   سەلتەنەتلىك 70 يىل ، كۈرەشچان يېڭى دەۋر

قاتناش بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشى شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى لۇ فېڭباۋ، ما يىنىڭ خەۋەر قىلىدۇ: «مۇزىكىلىق تاشيولدا قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، بۇ تاشيولدا ھەر كۈنى قاتنايدىغان ئائىلە ساياھەت ئاپتوموبىلى 800دىن ئاشتى، ساياھەتچى كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 3000دىن ئاشتى» دېدى 9- ئاينىڭ 6- كۈنى مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەلىك قاتناش - تىرانسپورت ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى خەن كەيگاڭ تېلېفوندا مۇخبىرلارغا.

مۇزىكىلىق تاشيول مورى بەنشەن ساياھەت تاشيولىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، 8- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا پۈتۈپ قاتناش باشلانغان، ئۇ شىنجاڭدىكى تۇنجى مۇزىكىلىق تاشيول ھېسابلىنىدۇ، تاشيول ئەتراپىدا يەنە ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى، پويىز ۋاگونى مېھمانخانىسى، ئاممىۋى ھاجەتخانا قاتارلىق ساياھەت مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى بار. مۇزىكىلىق تاشيولدا قاتناش باشلىنىشى بىلەنلا «توردا ئالقىشلانغان يول» بولۇپ قالدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىستېرېئولۇق قاتناش تورى بەرپا قىلىپ، «قاتناش+ساياھەت»نىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتتى. بۇ يىل، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى 800 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، «قاتناش+ساياھەت» يۇغۇرما تەرەققىياتى ئالتە چوڭ قۇرۇلۇشىنى يولغا قويغان بولۇپ، ئادەتتىكى دۆلەت، ئۆلكە غول لىنىيەسى مۇلازىمەت رايونلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئۆزگەرتىش، نۇقتىلىق ھالدا G217 لىنىيەسى مايتاغ - كۇچا سەر خىل ساياھەت تاشيولى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا كۆچمە چىقىم قىلىشنىڭ تولۇق قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش قاتارلىقلارغا چېتىلىدۇ.

مۇخبىرلارنىڭ ئىگىلىشىچە، 7- ئاينىڭ 8- كۈنى G217 لىنىيەسى مايتاغ - كۇچا بۆلىكىنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى پۈتكەندىن بۇيان، مايتاغ - كۇچا تاشيولى تېخىمۇ راۋانلىشىپلا قالماي، يەنە ئائىلە ئاپتوموبىل ساياھىتىگە تېخىمۇ ماس كەلگەچكە، بۇ يول بۆلىكىدە قاتنايدىغان ئاپتوموبىللار كۈنسېرى كۆپىيىپ، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 10 مىڭغا يەتكەن.

ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى لى جىنۇڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇنىڭدىن كېيىن قاتناش - تىرانسپورت نازارىتىنىڭ خىزمەت مۇھىم مەركىزى «قۇرۇلۇشنى ئاساس قىلىش»تىن «قۇرۇلۇش بىلەن مۇلازىمەتكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىش»كە بۇرۇلۇپ، يول تۈرى قۇرۇلۇشى، يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا ETC (ئاپتوموبىل توختاتماي ئېلېكتىرونلۇق ھەق ئېلىش سىستېمىسى) نى قوللىنىش، تاشيول مۇلازىمەت رايونلىرىنىڭ سۈپىتى ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە قاتناش بىلەن ساياھەتچىلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېزلىتىدۇ.

خەلق ئاۋىياتسىيەسى جەھەتتە، ھەرقايسى چوڭ ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى كۆپ تۈرلۈك سىياسەتنى يولغا قويۇپ، ساياھەتچىلەرنى ئايروپىلاندا ئولتۇرۇپ شىنجاڭنى ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلدى. ھەرقايسى چوڭ ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى بىر تەرەپتىن، ئايروپىلان كىرگۈزۈش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، شىنجاڭ رايونىدىكى توشۇش كۈچىنى زورايتتى؛ بىر تەرەپتىن، شىنجاڭ ئىچىدە ئايلىنىپ ئۇچۇش، چاتما ئۇچۇش ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئېچىپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەت شەھەرلىرىنى تۇتاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا كۈچ قوشتى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى سەككىز ئېيىدا ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى 16 مىليون 286 مىڭ 100 ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.2 ئاشتى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ سۈرئىتى تېزلىتىلىپ، پويىز گەۋدىسى يېڭىلىنىپ، پويىزنىڭ يۇمشاق، قاتتىق دېتاللىرىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەچكە، پويىزغا ئولتۇرۇپ ساياھەت قىلىشنىڭ ئازادىلىك دەرىجىسى بارغانسېرى ئۆستى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى سەككىز ئېيىدا، شىنجاڭ تۆمۈريولىدا توشۇلغان ساياھەتچى 29 مىليون 780 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى.

«قاتناش+ساياھەت»نىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشى ئاپتونوم رايونىمىز ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ تېز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، شىنجاڭ ساياھەتچىلىك كەسپىدە جەمئىي كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 75 مىليون 893 مىڭ 500 ئادەم قېتىم بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %46 ئاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى