تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيەنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىن ئاچتى

پارتىيەنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 9- ئاينىڭ 8- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىن ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار ئالىي مەكتەپلەرنىڭ شۇجىلىرى، مەكتەپ مۇدىرلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەر ۋەكىللىرىگە يازغان جاۋاب خېتىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يېزا خىزمىتى نىزامى»نى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، ئالاقىدار خىزمەتلەرنى تەتقىق قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى لى پېڭشىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار ئالىي مەكتەپلەرنىڭ شۇجىلىرى، مەكتەپ مۇدىرلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەر ۋەكىللىرىگە يازغان جاۋاب خېتىدە يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىگە قارىتا تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، كەڭ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلاردىن ئۈمىد كۈتۈلۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئالىي دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مائارىپى ۋە «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى تولۇق نامايان قىلىندى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار ئالىي مەكتەپلەر ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، توغراق روھى ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەپ، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈپ چېگرانى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق پەنلىرى ۋە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان كەسىپلەر قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكى، پەن - تېخنىكا، مائارىپ ماسلىشىپ ئادەم تەربىيەلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنى بىلىدىغان، يېزا ئىگىلىكىنى سۆيىدىغان يېڭىچە ئىختىساسلىقلارنى تېخىمۇ كۆپ يېتىشتۈرۈشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يېزا خىزمىتى نىزامى»نى بېسىپ تارقاتتى، بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېزا خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى، پارتىيەنىڭ يېزا خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش، پارتىيەنىڭ يېزىلاردىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى مۇستەھكەملەشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، چوڭقۇر ئۆگىنىش، كەڭ تەشۋىق قىلىش، تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى يېزا خىزمىتى ئىشخانىلىرى ئاپپاراتلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىش ۋە يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، يېزا خىزمىتى ئىشخانىلىرى بىلەن يېزا ئىگىلىكى، يېزا تارماقلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىنى راۋانلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ئاپپارات ئىسلاھاتىدا «خىمىيەلىك رېئاكسىيە» ھاسىل بولۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: مەملىكەتلىك يېزا - كەنت كەسىپلىرىنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا - كەنت كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يېزا - كەنت كەسىپلىرىنىڭ گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. 2020- يىللىق بۇغداي ئىشلەپچىقىرىش پىلانىنى تېزدىن چۈشۈرۈپ، ئاشلىق زاپىسى بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلايدىغان، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىدىغان تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، زاپاس ئاشلىقنى «ياخشى ساقلىيالايدىغان بولۇش، باشقۇرالايدىغان بولۇش، يۆتكىيەلەيدىغان بولۇش، ئىشلىتەلەيدىغان بولۇش»قا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تەپەككۇر يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق تۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەلا سۈپەتلىك پاختا ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇلۇشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، يولغا قويۇپ، يېزا ئاھالىسىنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش ۋە «ھاجەتخانا ئىنقىلابى»غا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، يېزا - كەنتلەرنى تۈزەش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا يەنە «ئاساسىي قاتلامدىكى يېزىلارنىڭ تىجارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» تەتقىق قىلىندى، قاراپ چىقىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى