تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە يۇقىرى سۈپەتلىك غەلىبە قىلىشنى پۇختا ساغلاملىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك

مەملىكەتلىك سەھىيە - ساغلاملىق سىستېمىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە يۇقىرى سۈپەتلىك غەلىبە قىلىشنى پۇختا ساغلاملىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چاۋ جىن خەۋەر قىلىدۇ: 9- ئاينىڭ 9- كۈنى، 2019- يىللىق مەملىكەتلىك سەھىيە - ساغلاملىق سىستېمىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى قەشقەر شەھىرىدە ئېچىلدى. يىغىندا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئاساسىي داۋالىنىشنى كاپالەتلەندۈرۈشتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنىڭ تۆۋەن چەك ۋەزىپىسى قىلىپ، دىققەتنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ ئېغىر نامرات رايونلىرىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ قوللاش ۋە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە يۇقىرى سۈپەتلىك غەلىبە قىلىشنى تېخىمۇ پۇختا ساغلاملىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى بىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى مەزگىلدىكى سەھىيە - ساغلاملىق ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە، ئاساسىي داۋالىنىشنى كاپالەتلەندۈرۈشتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، كېسەل كۆرسىتىدىغانغا جاي بولۇش، كېسەل كۆرىدىغانغا دوختۇر بولۇش، كېسەل كۆرسىتىشنى كاپالەتلەندۈرىدىغان داۋالىنىش كاپالىتى تۈزۈمى بولۇش نىشان ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەم خالىغانچە ئۆلچەمنى ئۆستۈرۈۋەتمەسلىك، كۆزلىمىنى ئاشۇرۇۋەتمەسلىك، ھەم ئۆلچەمنى تۆۋەنلىتىۋەتمەسلىك، سۈپەتكە تەسىر يەتكۈزمەسلىك كېرەك. ناھىيەلىك دوختۇرخانىلارنىڭ ئىقتىدار قۇرۇلۇشى، «ناھىيە بىلەن يېزىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، يېزا بىلەن كەنتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» مېخانىزم قۇرۇلۇشى، يېزا - كەنت داۋالاش سەھىيە ئاپپاراتلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئاساسلىق ھۇجۇم يۆنىلىشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى ساغلام جۇڭگو ئىستراتېگىيەسى ۋە داۋالاش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى بىلەن بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلارنى ساغلاملىق ئارقىلىق يۆلەشنىڭ نۇقتىلىق ۋەزىپىسىنى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: سەھىيە - ساغلاملىق ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تۈزۈمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پىلان تۈزۈپ، ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئالاقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قاراتمىلىق ھالدا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام داۋالاش سەھىيە ئاپپاراتلىرىغىچە كېڭەيتىش، ئېغىر نامرات رايونلار، ئېغىر نامرات ئاممىغىچە قاپلاش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش شەكلىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قاتتىق دېتال ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى يۇمشاق دېتال ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش بىلەن بىرلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، «قان بېرىش» بىلەن «قان ئىشلەش»نى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ئىچكى ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، سەھىيە - ساغلاملىق ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەملىكەتلىك سەھىيە - ساغلاملىق سىستېمىسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سەھىيە - ساغلاملىق ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى، كەسپىي ئىقتىدار قۇرۇلۇشى ۋە ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، مەبلەغ ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، تۈرلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، تېخنىكا ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى سىياسەت ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش بىلەن ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قوللاش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتتى. سەھىيە - ساغلاملىق ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭ تۈرتكىسىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر 1000 ئاھالىگە توغرا كېلىدىغان سەھىيە تېخنىكا خادىمى ۋە داۋالاش سەھىيە ئاپپاراتىنىڭ كارىۋات سانى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 2012- يىلىدىكى 5.1 كىشى، بەش كارىۋاتتىن 2018- يىلى يەتتە كىشى، 6.96 كارىۋاتقا كۆپەيدى، كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلاشقان، قايتا نامراتلاشقان نامراتلارنىڭ ئىچىدە، 71 مىڭ ئائىلىدىكى 254 مىڭ 600 كىشىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئىشقا ئاشتى.

ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەڭلىك سېيىت، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن سىلىڭيۇەن ياۋ شىنمىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى