تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايون مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ سەككىز تىپىك مەسىلىنى ئاشكارىلىدى

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ سەككىز تىپىك مەسىلىنى ئاشكارىلىدى. بۇ سەككىز تىپىك مەسىلە تۆۋەندىكىچە:

1. ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتى سىياسىي بۆلۈمى پارتىيە قۇرۇلۇشى باشقارمىسىنىڭ سابىق باشقارما دەرىجىلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچىسى بى ۋۇجياڭنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا كۈتۈۋېلىش، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى شەخسىي ئىشقا ئىشلىتىش قاتارلىق مەسىلىسى. 2013- يىلىدىن 2017- يىلىغىچە، بى ۋۇجياڭ شىنجاڭ ئەدلىيە ساقچى - ئوفىتسېرلار مەكتىپى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى بولغان مەزگىلىدە، قول ئاستىدىكىلەرنى كۈشكۈرتۈپ ئەمگەك مۇلازىمەت ھەققى، ئىش بېجىرىش ھەققى قاتارلىق ناملار بىلەن ساختا چىقىم قىلىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا كۈتۈۋېلىشقا ئىشلەتكەن؛ كاماندىروپكىغا چىقىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، كۆپ قېتىم مۇساپىسىنى ئۆزگەرتىپ، شىئەن، چىڭداۋ، لىجياڭ قاتارلىق نۇرغۇن جايلارغا بېرىپ ساياھەت قىلىپ ئويناپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا 9800 يۈەن خىراجەتنى ئاتچوت قىلدۇرغان؛ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 20 نەچچە قېتىم ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى ئىشلىتىپ شىخەنزە شەھىرىگە بېرىپ شەخسىي ئىشىنى بېجىرگەن، بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان 6800 يۈەن يېقىلغۇ ھەققى، يول ھەققىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئاتچوت قىلدۇرغان. ئۇنىڭدىن باشقا، بى ۋۇجياڭدا يەنە باشقا ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىلىرىمۇ ساقلانغان. بى ۋۇجياڭغا پارتىيەدە ئىككى يىل قالدۇرۇپ سىناش، مەمۇرىي ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىلدى.

2. ئاۋات ناھىيەلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، مەكتەپ مۇدىرى ھۆرىگۈل داۋۇتنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇل ئېلىش مەسىلىسى. 2014 - يىلىدىن 2018- يىلىغىچە، قۇربان ھېيت، «8- مارت» ئاياللار بايرىمى مەزگىلىدە، ھۆرىگۈل داۋۇت كۆپ قېتىم باشقۇرۇش، مۇلازىمەت ئوبيېكتى سوۋغا قىلغان سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇلنى ئالغان، خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا جەمئىي 61 مىڭ 300 يۈەن بولغان؛ باشقۇرۇش، مۇلازىمەت ئوبيېكتىنى ئۆزى زىياپەتكە تەكلىپ قىلغاندا چىقىم قىلغان 3000 يۈەن تاماق پۇلىنى تۆلەشكە ئورۇنلاشتۇرغان. ئۇنىڭدىن باشقا، ھۆرىگۈل داۋۇتتا يەنە باشقا ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىلىرىمۇ ساقلانغان. ھۆرىگۈل داۋۇتقا پارتىيەدە بىر يىل قالدۇرۇپ سىناش، مەمۇرىي ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىلدى.

3. مارالبېشى ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن چوڭ ئەترەت باشلىقى، ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنىنىڭ باشلىقى گۇڭ يۈنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇل ئېلىش مەسىلىسى. 2016- يىلىدىن 2018- يىلىغىچە، چاغان، جۇڭچيۇ مەزگىلىدە، گۇڭ يۈ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ نۇرغۇن باشقۇرۇش، مۇلازىمەت ئوبيېكتى سوۋغا قىلغان سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇلنى قوبۇل قىلغان، خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا جەمئىي 24 مىڭ 100 يۈەن بولغان؛ باشقۇرۇش، مۇلازىمەت ئوبيېكتىنى شەخسىي ئىستېمالىغا ئىشلەتكەن 5100 يۈەن پۇلنى تۆلەشكە ئورۇنلاشتۇرغان. ئۇنىڭدىن باشقا، گۇڭ يۈدە يەنە باشقا ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىلىرىمۇ ساقلانغان. گۇڭ يۈگە پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش، مەمۇرىي جەھەتتە دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش جازاسى بېرىلدى.

4. ساۋەن ناھىيەسى سۇ تەمىنلەش - چىقىرىۋېتىش شىركىتىنىڭ دىرېكتورى كۇڭ شياڭمىننىڭ ئىشخانا قىلىنىدىغان ئۆينى ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ ئىشلىتىش مەسىلىسى. 2018- يىلى 1- ئايدىن 2019- يىلى 3- ئايغىچە، كۇڭ شياڭمىن كۆلىمى 58.22 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان يۈرۈشلۈك ئۆينى ئىشخانا قىلىۋالغان، بۇ بەلگىلەنگەن كۆلەمدىن 40.22 كىۋادرات مېتىر ئېشىپ كەتكەن؛ نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن، ئۇ ئىچكى - تاشقى ئىشخانىغا تۆت يۈرۈش ئۈستەل - ئورۇندۇق ۋە تۆت خىزمەتچى خادىمنىڭ ئىسىم تاختىسىنى قويۇپ قويغان، ئەمەلىيەتتە تۆت ئادەمنىڭ ھېچقايسىسى بۇ ئىشخانىدا ئىشلىمەيدىكەن. كۇڭ شياڭمىنغا پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى.

5. ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق جەمئىيەت مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ سابىق ئىدارە باشلىقى زېڭ لىمىڭنىڭ شەخسىي ئاپتوموبىلىنى ھۆكۈمەت پۇلىغا بېقىش مەسىلىسى. 2014- يىلى 4- ئايدىن 2018- يىلى 12- ئايغىچە، زېڭ لىمىڭ ئىدارىنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدىغان ئاپتوموبىل يېقىلغۇ ماي ياردەم تولۇقلىمىسىنى ئۆزى ۋە ئىدارىدىكى باشقا خىزمەتچى خادىملارنىڭ شەخسىي ئاپتوموبىلىغا ماي قاچىلاشقا ئىشلەتكەن، جەمئىي سوممىسى 24 مىڭ 900 يۈەن بولغان. زېڭ لىمىڭغا پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى.

6. خوتەن شەھىرى ناۋاغ كوچا باشقارمىسى شىنچۈەن مەھەللىسى ئاھالە كومىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى روزىنىسا ھوشۇرنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ سوۋغاتلىق بۇيۇم قاتارلىقلارنى ئېلىش مەسىلىسى. 2017- يىلى 11- ئايدىن 2018- يىلى 1- ئايغىچە، روزىنىسا ھوشۇر ئىككى قېتىم باشقۇرۇش، مۇلازىمەت ئوبيېكتلىرى سوۋغا قىلغان زىننەت بۇيۇمى، قول سائىتى قاتارلىق سوۋغات بۇيۇملىرىنى ئالغان، خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا جەمئىي 24 مىڭ يۈەن بولغان. بۇنىڭدىن سىرت، روزىنىسا ھوشۇردا يەنە باشقا ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىلىرىمۇ ساقلانغان. روزىنىسا ھوشۇرغا پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى.

7. ئۈرۈمچى يول مەمۇرىيىتى - دېڭىز ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ شىمالىي شەھەر ئەتراپىدىكى چەكتىن ئاشۇرۇپ يۈك بېسىشنى تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ سابىق پونكىت باشلىقى لى يۈننىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ مېھماندارچىلىقنى قوبۇل قىلىش، نەرسە سېتىۋېلىش كارتىسى قاتارلىقلارنى ئېلىش مەسىلىسى. 2015- يىلىدىن 2018- يىلىغىچە، لى يۈن كۆپ قېتىم ئۆز ئىدارىسىدىكى خىزمەتچى خادىملارنى باشقۇرۇش، مۇلازىمەت ئوبيېكتلىرىنىڭ مېھماندارچىلىقىنى قوبۇل قىلىشقا تەشكىللىگەن؛ باشقۇرۇش، مۇلازىمەت ئوبيېكتلىرى سوۋغا قىلغان جەمئىي 2700 يۈەنلىك نەرسە سېتىۋېلىش كارتىسىنى ئېلىپ، ئىدارىدىكى خىزمەتچى خادىملارغا پاراۋانلىق تارقىتىشقا ئىشلەتكەن، ئۆزى 300 يۈەنلىك نەرسە سېتىۋېلىش كارتىسى ئالغان؛ باشقۇرۇش، مۇلازىمەت ئوبيېكتلىرىنى كۆپ قېتىم شەخسىي ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ ئۆزىنى ئۈرۈمچى شەھەر رايونىدا ئىشقا ئاپىرىپ ئەكىلىشكە ئورۇنلاشتۇرغان. لى يۈنگە مەمۇرىي جەھەتتە دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش جازاسى بېرىلدى.

8. ئارشاڭ ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى ئەمگەك رېۋىزىيە چوڭ ئەترىتىنىڭ سابىق چوڭ ئەترەت باشلىقى خەن جيادىڭنىڭ ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ئىشلىتىش مەسىلىسى. 2019- يىلى 2- ئاينىڭ 25- كۈنى، خەن جيادىڭ ئىدارىنىڭ ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى ئىشلىتىپ، خىزمەتداشلىرىنى ئۆزى تەشكىللىگەن شەخسىي زىياپەت پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا ئاپىرىپ ئەكىلىپ، جەمئىيەتتە ناچار تەسىر پەيدا قىلغان. خەن جيادىڭغا پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى.

يۇقىرىقى سەككىز تىپىك مەسىلە، ھەم پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا چېتىلىدۇ، ھەم كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارغا چېتىلىدۇ، بەزىلىرى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇل قوبۇل قىلغان، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا مېھماندارچىلىقنى قوبۇل قىلغان؛ بەزىلىرى ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ئىشلەتكەن، ئىشخانا قىلىدىغان ئۆينى ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ ئىشلەتكەن؛ بەزىلىرى لىنىيەنى ئۆزگەرتىپ ھۆكۈمەت پۇلىغا ساياھەت قىلغان قاتارلىقلار، ھالبۇكى بۇ مەسىلىلەرنىڭ كۆپىنچىسى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدىن كېيىن يۈزبەرگەن ياكى ئۇدا يۈزبەرگەن، بۇ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ مەڭگۈ داۋاملىشىدىغانلىقىنى، جەزمەن «قاتتىق» بولۇش دېگەن سۆزدە ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى چوڭقۇر چۈشەندۈرىدۇ. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى كونكرېت تەدبىر»ىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولۇپ، بوشاشماي، توختاپ قالماي، مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان قەيسەرلىك ۋە قەتئىيلىك بىلەن مەسئۇلىيەتنى ئەستايىدىل، تولۇق ئادا قىلىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ ئەلا نەتىجىلىرى بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىشى كېرەك.

2019 - يىللىق جۇڭچيۇ، دۆلەت بايرىمى كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار جەزمەن «تۆت ئاڭ»نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، تىپىك دېلو مىساللىرىدىن چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ، ئۆزىگە ھەقىقىي تەتبىقلاپ، ئۆزى ئۈستىدە قاتتىق ئويلىنىپ، باشلامچىلىق بىلەن ناتوغرا ئىستىل ۋە ناچار كەيپىياتقا قارشى تۇرۇپ، باشلامچىلىق بىلەن ئېسىل ئىستىلنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، «باشلامچى ياۋا غاز ئۈنۈم ئېففېكتى»نى جارى قىلدۇرۇپ، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچىلىق قىلىپ باشقا پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ بايرام ئۆتكۈزۈش كەيپىياتىنى ھەقىقىي ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، بايرام مەزگىلىدىكى ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى مۇھىم ۋاقىت، نۇقتىلاردا چىڭ تۇرۇپ بوشاشماي، راھەتپەرەسلىك، ھەشەمەتچىلىك قاتارلىق ناتوغرا ئىستىل، يامان ئادەتلەرگە باش كۆتۈرگەن ھامان زەربە بېرىپ، «تۆت خاھىش»نىڭ يوشۇرۇن، شەكلى ئۆزگەرگەن يېڭى يۆنىلىشلىرىدىن ھەر ۋاقىت ساقلىنىشى كېرەك؛ نۇقتىلىق ساھە، نۇقتىلىق ئوبيېكت ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى سىجىل نازارەت قىلىپ، تەكشۈرۈپ، بىر نۇقتا بىر نۇقتىدىن دىققەت قىلىپ، قەتئىي بوشاشماي، باشقۇرۇشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇپ، نەتىجە - ئۈنۈم يارىتىپ، دۇرۇس كەيپىيات شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى