تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

سانائەت دۆلىتى نىشانىغا قاراپ ئالغا ئىلگىرىلەش

1953- يىلى 10- ئاينىڭ 27- كۈنى، يېڭىدىن قۇرۇلغان ئەنشەن پولات - تۆمۈر شىركىتى ئۇلاقسىز پولات تۇرۇبا زاۋۇتىنىڭ گۈدۈكى چېلىنىشى بىلەن، دۆلىتىمىزدىكى بىرىنچى ئۇلاقسىز پولات تۇرۇبا پىروكاتلىنىپ چىقتى. بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ سانائەت دۆلىتىگە قاراپ ئۆزگىرىش يولىدا پۇختا بىر قەدەم تاشلىغانلىقىدىن دېرەك بەردى.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، دۆلىتىمىزنىڭ سانائەت ئاساسى ئىنتايىن ئاجىز بولۇپ، بۇ تۈردىكى سانائەت مەھسۇلاتىنى ئىشلەپچىقىرىشقا ئامالسىز ئىدى. 1952- يىلى خەلق ئىگىلىكى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن، زامانىۋى سانائەتنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ سانائەت، يېزا ئىگىلىك ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىدىكى نىسبىتى ئاران %26.6، ئېغىر سانائەتنىڭ سانائەت ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىدىكى نىسبىتى ئاران %35.5 ئىدى. يېڭى جۇڭگونىڭ 1- بەش يىللىق (1957 - 1953) پىلانى دەل ئېغىر سانائەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، سانائەتلىشىشنى بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرۇشنى قولغا كەلتۈرۈش ئىدى.

1954- يىلى، جۇڭگو - سوۋېت ئىتتىپاقى ئىككى تەرەپ «1- بەش يىل» مەزگىلىدە سوۋېت ئىتتىپاقى ياردەم قىلىپ قۇرۇپ بېرىدىغان 156 تۈرلۈك نۇقتىلىق قۇرۇلۇشنى ئاخىر بېكىتتى، بۇ، پولات - تۆمۈر، رەڭلىك مېتاللورگىيە، كۆمۈر كان، نېفىت، نېفىت ئايرىش، ئېغىر تىپتىكى ماشىنىلار، ئاپتوموبىل، تىراكتور ياسىمىچىلىقى، خىمىيە سانائىتى، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى قاتارلىق جەھەتلەرگە چېتىلىدۇ. 1955- يىلى 7- ئايدا، 1- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2- يىغىنىدا «خەلق ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدىكى 1 - بەش يىللىق پىلان» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. بەش يىل ئىچىدە، دۆلەتنىڭ ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا ئىشلەتكەن سېلىنما ئومۇمىي سوممىسى 76 مىليارد 640 مىليون يۈەنگە يەتتى، ئالتۇنغا سۇندۇرغاندا 700 مىليون سەردىن ئاشىدۇ، بۇنداق زور سوممىلىق قۇرۇلۇش سېلىنمىسىنى كونا جۇڭگونىڭ ئىلگىرىكى نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتلىرى تەقلىيەلمەيدۇ.

«1- بەش يىل»لىق پىلان ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى ئىنتايىن زور دەرىجىدە قوزغىدى. يېڭى جۇڭگونىڭ سانائەت تارىخىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان نۇرغۇن سانائەت مەھسۇلاتلىرى ياسىلىپ چىقتى: 1954- يىلى 7- ئايدا، «چۇجياۋ 5» ئايروپىلانىنىڭ سىناق ئۇچۇشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى جۇڭگو ئاۋىياتسىيە سانائىتىنىڭ رېمونت قىلىش باسقۇچىدىن ياساش باسقۇچىغا قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بەردى؛ 1956- يىلى 7- ئايدا، يۈك كۆتۈرۈش مىقدارى تۆت توننا بولغان جيېفاڭ ماركىلىق يۈك ئاپتوموبىلىنى سىناق قىلىپ ياساشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى دۆلىتىمىزنىڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنى مۇستەقىل ئىگىلەشكە باشلىغانلىقىدىن دېرەك بەردى؛ 1956- يىلى 9- ئايدا، دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان 34-B2 ئوتتۇرا تىپلىق تانكا موتورى دۇنياغا كېلىپ، جۇڭگونىڭ تانكا موتورى ياسىيالماسلىق تارىخىغا خاتىمە بېرىلدى ...

1957- يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، «1- بەش يىل»لىق پىلاننىڭ ھەر تۈرلۈك كۆرسەتكۈچلىرىنىڭ كۆپىنچىسى نورمىدىن ئاشۇرۇپ تاماملاندى. كونا جۇڭگودا يوق زور بىر تۈركۈم زامانىۋى سانائەت تايانچ تارماقلىرى قۇرۇلدى، دۆلىتىمىزنىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە ئۆستى، سانائەت ئورۇنلاشتۇرۇشىدىكى نامۇۋاپىق ۋەزىيەت دەسلەپكى قەدەمدە ئۆزگەرتىلدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9- ئاينىڭ 9- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى نەقلەشتى
  • شىنجاڭدا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يېڭىلىنىپ 731.3 كىلوگىرامغا يەتتى
  • يازدا قومۇل مىڭشا تېغىغا بېرىش