تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز يۈ جياڭيەن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز خەن گولۇ فوتوسى، خەۋىرى): 9-ئاينىڭ 9-كۈنى تاڭ سۈزۈلۈشى بىلەن، ئايزىمگۈل ئەخمەت ئېتىزىغا كېلىپ لازا ئۈزدى.
ئايزىمگۈل يېڭىسار ناھىيەسى چولپان يېزىسى كۆچۈرمە ئېرىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى، بۇ يىل ئۇنىڭ ئائىلىسى ئۈچ مو يەرگە سىناق تەرىقىسىدە يۇقىرى دەرىجىلىك ئاچچىق لازا تېرىدى، «بۈگۈن ئىككىنچى تۈركۈم لازىنى ئۈزگىلى كەلدىم، بىر ھەپتە بۇرۇن ئۈزگەن بىرىنچى تۈركۈم لازىنى 1900 يۈەنگە ساتتىم، مۆلچەرىمچە ئىككىنچى تۈركۈمدىكى لازىنى 1000 يۈەنگە ساتالايمەن» دېدى ئايزىمگۈل.
مۇخبىرلارنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە يېڭىسار ناھىيەسىدە ئاساسلىقى بۇغداي، كۆممىقوناق قاتارلىق زىرائەتلەر تېرىلىدىكەن، سەمەت ئۆرۈكىدىن باشقا، بۇ يەردە باشقا خاس كەسىپلەر يوق دېيەرلىك ئىكەن، يېڭىسار ناھىيەسىدە ئادەم كۆپ، يەر ئاز بولغاچقا، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق ئەندىزىسى ۋە پەرۋىش سەۋىيەسى ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئىنتايىن قىيىن ئىكەن. ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىنىڭ يېڭىسار ناھىيەسىدە تۇرۇشلۇق ئالتە نەپەر 1-شۇجىسى ئەستايىدىللىق بىلەن تەكشۈرۈپ، كەنت ئەھۋالى، خەلق ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، نامرات ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئارزۇسىنى كەڭ دائىرىدە قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، نامراتلارنى يۆلەش تەدبىرىدە يېڭىلىق يارىتىپ، خاس كەسىپ بەرپا قىلىپ، نامرات ئائىلىلەرنى كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇش ۋە كەنت كوللېكتىپ تەشكىلاتىنى كەسىپ تىرىكى بىلەن تەمىنلەشنى قارار قىلدى.
يۇقىرى دەرىجىلىك ئاچچىق لازىنى ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ، شۇنداقلا ئۇ لەۋ سۇرۇخنىڭ خام ئەشياسى. يېڭىسار ناھىيەسىدە ئۆستۈرۈلگىنى 819 يۇقىرى دەرىجىلىك ئاچچىق لازا بولۇپ، ئاچچىقلىق دەرىجىسى 30 مىڭ سىگاۋېر («سىگاۋېر» ئاچچىقلىق بىرلىكى)غا يېتىدۇ، ئادەتتىكى مۇچنىڭ ئاچچىقلىق دەرىجىسى ئادەتتە 13000دىن 25000 سىگاۋېرغىچە بولىدۇ. يۇقىرى دەرىجىلىك ئاچچىق لازا ئادەتتە تۈركۈمگە بۆلۈپ ئۈزۈلىدىغان بولۇپ، 8-ئاينىڭ 26-كۈنى باشلىنىپ، 10-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن بۇرۇن ئۈزۈپ بولۇنىدۇ.