2019-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى ئۇچقۇچىسز ئايروپىلاندا سۈرەتكە تارتىلغان غۇلجا-موڭغۇلكۈرە تاشيولىدىكى كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان مەنزىرە.
تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر قەيسەر فوتوسى، خەۋىرى): 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى، قاردىن كېيىن ئۆلكە يولى S237-لىنىيەسى غۇلجا-موڭغۇلكۈرە تاشيولىنى تۇمان قاپلاپ، غۇلجا-موڭغۇلكۈرە تاشيولى خۇددى بىر يۆگىشىپ ياتقان ئەجدىھاغا ئوخشاش، ئاپئاق قار بىلەن قاپلانغان تاغ قوينىدا ئەگرى-بۈگرى ھالەتتە، گاھ كۆرۈنۈپ، گاھ يوقاپ، بىر پارچە ھەيۋەتلىك تەبىئەت يۆگىمە رەسىمى مەنزىرىسىنى شەكىللەندۈردى.
غۇلجا-موڭغۇلكۈرە تاشيولى شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى غۇلجا شەھىرىدىن باشلىنىپ، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىدىن ئۆتۈپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3600 مېتىر كېلىدىغان ئۇسۇن تېغى ئاق تاش چوققىسىنىڭ ئاساسىي چوققىسىنى كېسىپ ئۆتۈپ، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىگە يېتىپ بارىدۇ، ھەر يىلى 6-ئاينىڭ باشلىرىدىن 9-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئاپتوموبىل قاتنايدىغان بولۇپ، شىنجاڭدىكى ئەڭ گۈزەل تاشيوللارنىڭ بىرى، دەپ ئاتالغان.