تىيانشان تورى خەۋىرى (بايىنغولىن گېزىتى مۇخبىرى جۇ خەيشيا، ئىختىيارىي مۇخبىر ئوۋ يىڭ خەۋەر قىلىدۇ): 9- ئاينىڭ 6- كۈنى چۈشتىن كېيىن، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى كورلا شەھەرلىك ئانا - بالىلار ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىسىغا بېرىپ، 2019 - يىللىق مەملىكەتلىك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كۈنى (پەننى ئومۇملاشتۇرۇش مەپىسى) نى دوختۇرخانىغا كىرگۈزۈش يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.
بۇ قېتىمقى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتىدە بايىنغولىن ئوبلاستلىق پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى «جۇمھۇرىيەتنى مەدھىيەلەش، ئەقىل - پاراسەتلىك يېڭى تۇرمۇش»نى باش تېما قىلغان جانلىق سۈرەتلەر، ئوبرازلىق پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كۆرگەزمە تاختىسى 100 دىن ئارتۇق دوختۇر، سېستىرالار ۋە ئاغرىقلارنى جەلپ قىلدى. تېببىي خادىملار ۋە ئاغرىقلارD 3 كۆزەينەك تاقاپ، پەن - تېخنىكا ئېلىپ كەلگەن سېھرىي كۈچ ۋە خۇشاللىقنى ھېس قىلدى. بۇ قېتىمقى پائالىيەت تېببىي خادىملارغا ئىلىم - پەنگە يېقىنلىشىش، ئىلىم - پەننى چۈشىنىش، ئىلىم - پەننى ھېس قىلىش سۇپىسى ھازىرلاپ بېرىشنى مەقسەت قىلىدۇ.
كورلا شەھەرلىك ئانا - بالىلار ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرخانا باشلىقى ليۇ شا مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئارقىلىق، بىز پەن - تېخنىكىنىڭ كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا ئېلىپ كەلگەن قولايلىقىنى ھېس قىلىپ، ئاممىنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈردۇق .
(بايىنغولىن گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى)