تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

ئىلەڭگۈچ مۇسابىقىسىدىكى پورەكلەپ ئېچىلغان «گۈل»

 مۇسابىقىدىكى قۇندۇزخان تۇكەي (ئوڭدا) بىلەن ھاۋاگۈل يۈسۈپ.(9- ئاينىڭ 9- كۈنى فوتوسى)  شيې لۇڭ فوتوسى

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر چېن يىيۈەن خەۋىرى): قۇندۇزخان تۇكەي ئالتاي ۋىلايىتىدىن كەلگەن تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى، ھاۋاگۈل يۈسۈپ قومۇل شەھىرىدىن كەلگەن كاۋاپخانا خوجايىنى. ئۇلار  مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «2006- يىلى، بىز ئاپتونوم رايونلۇق 6- نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدا رەقىبلەر سۈپىتىدە تونۇشقان ئىدۇق. بۇ قېتىم بىز مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ھەمكارلاشتۇق.»

  ئۇلارنىڭ ترېنېرى لى يۈەنچاۋ مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكىدەك مەملىكەت خاراكتېرلىك مۇسابىقىدە، ھاۋاگۈل يۈسۈپ بىلەن قۇندۇزخان تۇكەي سەل بېسىم ھېس قىلىپ قالدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ يېشى سەل چوڭ، بەدەن ئىقتىدارى ئاجىز كېلىپ قالدى، لېكىن ئۇلارنىڭ جان تىكىپ ئېلىشىش روھى مەدھىيلەشكە ئەرزىيدۇ.

  شۇ كۈنى، بىر ئالاھىدە تاماشىبىننىڭ مەدەت بېرىشى شىنجاڭ ئىلەڭگۈچ كوماندىسىغا زور ئىلھام بولدى. ئۇ نەنجىڭ خېخەي داشۆسىنىڭ شىنجانلىق ئوقۇغۇچىسى بورلان مۇھەممەتجان ئىدى.

  «شىنجاڭ ئىلەڭگۈچ كوماندىسىنىڭ ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك دەپ ئاڭلىغان ئىدىم، شۇڭا ھەدىلەردىن ئۆگىنىش، شۇنداقلا ئۇلارغا مەدەت بېرىش ئۈچۈن كەلدىم.» بۇ قېتىم جياڭسۇ كوماندىسىنىڭ ماھىرى سۈپىتىدە مۇسابىقىگە قاتناشقان بورلان مۇنداق دېدى: «ئەگەر شىنجاڭ ئىلەڭگۈچ كوماندىسى تەكلىپ قىلسىلا، مەن چوقۇم كۈچ چىقىرىمەن.»

  بۇ نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ ئىلەڭگۈچ كوماندىسىدىن جەمئىي تۆت ماھىر قاتناشتى، قالغان ئىككىسى مەملىكەتلىك 6- نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا قاتناشقان سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىن كەلگەن 37 ياشلىق ھۆرنىسا ساۋۇر بىلەن قۇمۇل شەھىرىدىن كەلگەن نۇرباھا جانات.

  5 قېتىم ئىرغاڭشىش، 88 قېتىم قوڭغۇراققا تېگىش... شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ھۆرنىسا بىلەن نۇرباھا 55 كىلوگرامدىن يۇقىرى دەرىجىلىكلەر قوش كىشىلىك قوڭغۇراققا تېگىش تۈرى مۇسابىقىسىدە گۇيجۇ كوماندىسى بىلەن تەڭ 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. مۇسابىقىدىن كېيىن ھۆرنىسا مۇنداق دېدى: بۇ نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مېنىڭ خوشلىشىش مۇسابىقەم بولۇشى مۇمكىن، مەن چېكىنگەندىن كېيىن، ئىزباسار چىقىشىنى، ئىلەڭگۈچتىن ئىبارەت بۇ ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەتنىڭ شىنجاڭدا ئومۇملىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ئىلەڭگۈچ مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابقىسىدىكى پەقەت ئاياللارلا قاتنىشىدىغان بىردىنبىر مۇسابىقە تۈرى ئىكەن. 1986- يىلى، ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئىلەڭگۈچ رەسمىي مۇسابىقە تۈرى قىلىپ بېكىتىلگەن، ئىلەڭگۈچ مۇسابىقىسى ئېگىزلىك ۋە قوڭغۇراق دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ، ئېگىزلىك تۈرىدە بەلگىلەنگەن ئۇچۇش قېتىم سانى ئىچىدە، ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يېتىشنى ئاساس قىلىدۇ؛ قوڭغۇراق تۈرىدە، بەلگىلەنگەن ئېگىزلىك ۋە ۋاقىت ئىچىدە، ماھىرلارنىڭ قوڭغۇراققا تېگىش قېتىم سانىنى ئاساس قىلىدۇ.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى