تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

دائىم بالىسىغا ئاچچىقلايدىغان ئاتا-ئانىلار بۇ ئۈچ نۇقتىنى بىلىشى كېرەك

بىرىنچى، بالا بولغانىكەن، ئۇ چوقۇم خاتالىق ئۆتكۈزىدۇ

ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ ئەقىللىق، قۇلىقى يۇمشاق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بالىلىرىنىڭ قۇلاق كەستىلىك قىلىپ، قالايمىقان ئىش تېرىپ، ئۆزلىرىنى ئاۋارە قىلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. بىراق، بالا بېقىشتا ئاۋارىچىلىقتىن قورقسا بولامدۇ؟

بالىلار چوڭلارغا ئوخشاش پاكىز يۈرۈشنى، قەيەرگە چېقىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى، قايسى نەرسىلەرنى قانداق تۇتۇشنى بىلەلمەيدۇ.

بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ ئۆزى ئۈزلۈكسىز خاتالىق ئۆتكۈزۈپ، تەجرىبىلەرنى ئۈزلۈكسىز يەكۈنلەش جەريانىدۇر. بالىنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولمىسا، ھە دېسىلا بالىغا ئاچچىقلاش، مەسىلىنى پەقەت ۋاقىتلىقلا بىر تەرەپ قىلىپ ماھىيەتتىن تۈزىتىلمىگەچكە، بالىنىڭ قىلمىشى ئۈنۈملۈك قېلىپلاشمايدۇ، ياخشىلانمايدۇ. ئەڭ مۇھىمى، ئاتا-ئانىلارنىڭ دائىم ئاچچىقلىشى بالىلاردا بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى يوقىتىدۇ، گەپ ئاڭلىمىسا ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ئۆزىنى ياخشى كۆرمەي قېلىشىدىن ئەنسىرەيدىغان بولۇپ قالىدۇ، گەپ ئاڭلايدۇ، بىراق، شۇ سەۋەپتىن قورقۇنچاق، ئىرادىسىز، سەزگۈر، ئۆزىنى كەمسىتىدىغان بولۇپ قالىدۇ.

ئاتا-ئانىلار ئۆزىنىڭ روھىي ھالىتىنى ئۆزگەرتىپ، بالىلارنىڭ خاتالىق ئۆتكۈزۈشىنىڭ، كەپسىزلىك قىلىشىنىڭ نورمال ئەھۋال ئىكەنلىكىنى ھەرۋاقىت ئۆزىگە ئەسكەرتىپ تۇرۇشى، ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنىڭ ناچارلىقى، ئاۋارىچىلىقتىن ئېرىنىش سەۋەبىدىن ئاچچىقىنى بالىلاردىن چىقارماسلىقى، ئەڭ مۇھىمى ئۆزىنىڭ كۆڭلىنى توختىتىپ، بالىنى توغرا يېتەكلىشى كېرەك.

ئىككىنچى، ئاتا-ئانىلار ھەرقانچە قوپاللىق قىلسىمۇ، بالىلارنىڭ مۇھەببىتى سۇسلىشىپ قالمايدۇ

ئاتا-ئانىلارنى ئەڭ قوبۇل قىلىدىغان، ئەڭ ئاسان كەچۈرۈۋېتىدىغان، ئەڭ شەرتسىز سۆيىدىغىنى دەل بالىدۇر. ئاتا-ئانىلار ھەر قېتىم بالىغا قانچىلىك ئاچچىقلىشىدىن، ۋارقىراپ كېتىشىدىن قەتئىينەزەر، بىردەمدىن كېيىن بالىلار يەنىلا سەبىي، ئوماق چىرايى، تاتلىق ئاۋازلىرى بىلەن مۇھەببىتىنى ئىپادىلەيدۇ. مۇشۇنداق ئەڭ شەخسىيەتسىز، ساپ مۇھەببەت ئۈچۈن، ئاتا-ئانىلار كەيپىياتىنى ياخشى باشقۇرۇشى، بالىغا ئۆزىنى ياخشى كۆرمەيدىغاندەك تەسىر بەرمەسلىكى كېرەك.

ئۈچىنچى، كەڭ قورساق بولۇش، توغرا يولغا يېتەكلەشنى كەيپىياتنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش

بالىلىق بولغاندىن كېيىن، ئاتا-ئانىلار بۇرۇنقىدىنمۇ جاپالىق، ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ، بەزى ئاتا-ئانىلار بالىلىق بولغاندىن كېيىن، ئۆزلىرىنىڭ تېخىمۇ تىرىشچان بولۇپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ. بىراق بەزى ئاتا-ئانىلار بالىلىق بولغانلىقتىن مۇشۇنداق جاپالىق كۈنگە قالدىم، دەپ ئويلايدۇ، پات-پات بالىلارنىڭ ئالدىدا قاقشايدۇ ياكى بالىلارغا ئاچچىقلاپ دەردىنى چىقىرىدۇ.

بالىلىق بولۇش ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ئۆسۈپ يېتىلىشى ھېسابلىنىدۇ. بالىلار بەئەينى ئەينەككە ئوخشاش ئاتا-ئانىلارنىڭ كەمچىلىكىنى ۋە يېتەرسىزلىكىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ. بالىلارنىڭ ئالدىدا، ئاتا-ئانىلار تېخىمۇ سەۋرچان بولۇشنى، تېخىمۇ كەڭ قورساق بولۇشنى ئۆگىنىشى كېرەك، بۇنىڭ ھەممىسى بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلارنى ئۆزگەرتىشى ھېسابلىنىدۇ.

مۇنەۋۋەر ئاتا-ئانىلار بالىلاردىن ئۆزىدىكى مەسىلىلەرنى بايقاشقا ماھىر بولۇشى، ئاكتىپلىق بىلەن ئۆزگەرتىشى كېرەك. بالىلار پەيدا قىلغان تۈرلۈك تاساددىپىي ئەھۋالغا قارىتا ئاتا-ئانىلار كەڭ قورساق بولۇشى، توغرا يېتەكلىشى كېرەك، ھەرگىزمۇ كەيپىياتىنى تۇراقسىزلاشتۇرماسلىقى، بالىغا ئاچچىقلانماسلىقى كېرەك. بىخەتەرلىك دائىرىسىدە، بالىنى قىزىققان ئىشلارنى سىناپ بېقىشقا رىغبەتلەندۈرۈشى، بالىغا خاتالىق ئۆتكۈزىدىغان پۇرسەت بېرىشى كېرەك.

بېيجىڭ ياشلار گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى