8-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا سۈرەتكە تارتىلغان ئىچكى موڭغۇلنىڭ خۇلۇنبېر شەھىرىگە جايلاشقان خۇلۇن كۆلى.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: خۇلۇن كۆلى ئىچكى موڭغۇلدىكى مۇھىم تاتلىق سۇ كۆلى بولۇپ، كىلىماتنى تەڭشەش، ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، سۇ مەنبەسىنى ساقلاش جەھەتتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئالدىنقى يىللاردا، تەبىئىي سەۋەب ۋە سۈنئىي ئامىل تۈپەيلىدىن، خۇلۇن كۆلىدە كۆل يۈزىنىڭ تارىيىشى، سۇ سۈپىتىنىڭ ناچارلىشىشى قاتارلىق مەسىلىلەر كۆرۈلدى .
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خۇلۇنبېر شەھىرى خۇلۇن كۆلىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى چىڭ تۇتۇپ، خۇلۇن كۆلىنىڭ سۇ بايلىقىنى تەقسىملەش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشنى باشقۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، خۇلۇن كۆلىگە 8 مىليارد كۇب مېتىردىن ئارتۇق سۇ تولۇقلىدى، 1 - قارارلىق ئۇنىۋېرسال تۈزەش قۇرۇلۇشىدا باسقۇچلۇق ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى، 2 - قارارلىق ئۇنىۋېرسال تۈزەش قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ ھەممىسىدە ئىش باشلاندى، 1 مىليارد 960 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى، كۆل ئەتراپىدىكى يېمەك - ئىچمەك، ساياھەت تىجارىتى پۈتۈنلەي تاقالدى.
ئىچكى موڭغۇل ئېكولوگىيەلىك مۇھىت نازارىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە خۇلۇن كۆلى سۇ رايونىنىڭ كۆلىمى 2028 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ئاساسلىق سۇ سۈپىتى كۆرسەتكۈچى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم، ياخشىلىنىش يۈزلىنىشىنى ساقلاپ، يېشىل سۇ بىلەن يايلاق گىرەلىشىپ كەتكەن ئىناق مەنزىرىنى قايتا نامايان قىلغان. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شېن بوخەن فوتوسى)