تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

شايار ناھىيەسى: لازىلار قىزاردى، تۇرمۇش تېخىمۇ قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى: «بۇ يىل مەن سەككىز مو لازا تېرىدىم، خىزمەت ئەترىتى ماڭا ياردەملىشىپ سېتىش يولى تېپىپ بەردى، ئالدىنقى ئىككى كۈندە 600 كىلوگىرامدىن ئارتۇق قۇرۇتۇلغان لازا سېتىپ، 10 مىڭ يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلدىم.» 9-ئاينىڭ 4-كۈنى، شايار ناھىيەسى يېڭى مەھەللە بازىرىدىكى نامرات ئاھالە غوپۇر ھەسەن ھاياجانلانغان ھالدا شۇنداق دېدى.

  ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەسىپ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «بىر كەنتتە بىر مەھسۇلات بولۇش» تەرەققىيات پىكىر يولى بويىچە، خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئاممىنى لازا ئۆستۈرۈش ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشقا پائال يېتەكلىدى.

  خىزمەت ئەترىتى باشلامچى بولۇپ پارتىيەلىك كادىرلار، تېرىقچىلىق ئۇستىلىرىدىن تەركىب تاپقان لازا ئۆستۈرۈش تېخنىكا مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇپ، لازا ئۇرۇقىنى تاللاش، تېرىش، ئېتىز پەرۋىشى، ئۈزۈش، ئاپتاپقا سېلىش قاتارلىق ھەر قايسى ھالقىلاردا تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىپ، ئېتىز-ئېرىق ئىشلەپچىقىرىشىدىكى تۈرلۈك قىيىن مەسىلىلەرنى تۇنجى بولۇپ بايقاپ ھەل قىلدى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ تىرىشىپ ئىلھام بېرىشى بىلەن، پۈتۈن كەنتتە جەمئىي مىڭ موغا يېقىن لازا تېرىلدى.

  (ماقالىنى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىن جاڭ چاۋ، گۈلەيسەم مىجىت تەمىنلىگەن)

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى