تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

كورلا نەشپۈتى ئۈزۈش پەسلىگە كىردى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز سو رۇڭجى، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نى جىڭجىڭ خەۋىرى، فوتوسى): 9- ئاينىڭ 6- كۈنى سائەت 18دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ئاۋات دېھقانچىلىق مەيدانى 2- شۆبە مەيدانى، كورلا نەشپۈتى ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسى ئىچىدە، كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان كورلا نەشپۈتلىرى شاخلارغا لىق تولغانىدى. 63 ياشلىق جاڭ چاڭشىڭ يەنىلا ئالدىراش ئىدى. « ئائىلىمىزنىڭ نەشپۈتى ناھايىتى ئەتىۋار، ھەر يىلى شاڭخەي، خاڭجۇۋ قاتارلىق جايلارغا سېتىلىدۇ.» جاڭ چاڭشىڭنىڭ دېيىشىچە، بۇ يىل كورلا نەشپۈتىدىن مول ھوسۇل ئېلىش نەق جوڭچيۇ بايرىمىغا ئۈلگۈرگەن، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ بۇ شېرىن سوۋغىنى قوبۇل قىلالايدىغانلىقىنى ئويلاپ، ئۇ ناھايىتى خۇشال بولغان.

 كورلا نەشپۈتىنى رەسمىي ئۈزگەن ئىككى كۈندىن بۇيان، جاڭ چاڭشىڭ ئائىلىسىدىكىلەر 20 نەچچە توننا نەشپۈت ئۈزدى.

   جاڭ چاڭشىڭ ئائىلىسىنىڭ كورلا نەشپۈتىنى ئۆستۈرگىلى 30 نەچچە يىل بولدى. بۇ يىل ئۇنىڭ ئۆيىدىكى 75 مو كورلا نەشپۈتىنىڭ مېۋە بېرىش كۆلىمى 60 مو بولدى. «ھازىرقى باھا بويىچە، بۇ يىل 200 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلغىلى بولىدۇ.» جاڭ چاڭشىڭنىڭ دېيىشىچە، ئۇنىڭ ئائىلىسى نەشپۈت ئۈزۈشكە يېتىشىپ بولالماي، ئىشلەمچىلەرنى ئۈزۈشكە تەكلىپ قىلغان. ئىككى كۈندىن بۇيان، بۇ 20 نەچچە توننا نەشپۈتنى سودىگەرلەر سېتىۋېلىپ ئىچكىرىگە ئەۋەتىشكە تەييارلىنىپتۇ.

  ليۇ جېڭۋاڭ جاڭ چاڭشىڭ كورلا نەشپۈتىنى ئۈزۈشكە تەكلىپ قىلغان ئىشچى ئىدى. «شۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ كورلا نەشپۈتىنى سېتىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ، مەنمۇ بەك خۇشال بولدۇم.» ئۇنىڭ دېيىشىچە، نەشپۈتزارلىقتا، ئۆز قولى بىلەن ھەر بىر نەشپۈتنى ئۈزۈپ، ئوراپ قاچىلىسا ھەر كۈنى 200 يۈەندىن كۆپرەك پۇل تاپالايدىكەن.

  كورلا نەشپۈتى ئۆستۈرگۈچىلەر بۇ يىل A دەرىجىلىك كورلا نەشپۈتىنىڭ باھاسىدا تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغانلىقىدىن خوش بولدى. «بۇ يىل A دەرىجىلىك نەشپۈتنىڭ ھەر كىلوگرامى 13 يۈەنگە سېتىلدى.» كورلا نەشپۈتى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى شېڭ جېنمىڭنىڭ دېيىشىچە، كورلا نەشپۈتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۈزگەندىن بۇيان، مۆلچەرلىنىشىچە، 9ـ ئاينىڭ 10ـ كۈنى ئۈرۈمچىدىكى ئىستېمالچىلار يېيەلەيدىكەن. 9- ئاينىڭ 12- كۈنى ئەتراپىدا، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئىستېمالچىلارمۇ يېيەلەيدىكەن.

  «بۇ يىل بىز ئالدىن 1000 توننا زاكاز قىلدۇق، كېيىنكى مەزگىلدە يەنە 4000 توننا زاكاز قىلىمىز. »كورلا سا گۈي مېۋىچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى ۋېي شۈنپىڭ ئۆزىنىڭ كورلىدا نەشپۈت سېتىۋالغىنىغا 10 يىل بولغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ ھەر يىلى سېتىۋالغان نەشپۈتنىڭ % 90نى جياڭسۇ، جېجياڭ، شاڭخەيدىكى زەنجىرسىمان مېۋە - چېۋە تاللا بازارلىرى زاكاز قىلىدىكەن، بۇ يىلمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس ئىكەن. ھازىر، ئۇلار يېڭى ئۈزۈلگەن نەشپۈتنى ئوراپ ماشىنىغا قاچىلاپ، ئارقىدىن سوغۇق ساقلاش ئاپتوموبىلى بىلەن توشۇپ كېتىدىكەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بېيجىڭ گو خۈي يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى چەكلىك شىركىتى 40 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، 12 مىڭ توننا يېڭى پېتى ساقلاش، سوغۇق ساقلاش ئىسكىلاتى قۇرۇپ، نەشپۈتنى شۇ كۈنى ئۈزۈپ شۇ كۈنى ئىسكىلاتقا كىرگۈزۈش، نەشپۈتنىڭ سۈپىتىنى زىيانغا ئۇچراتماسلىق، ساقلاش مۇددىتىنى 11 ئايغا ئۇزارتىشنى ئىشقا ئاشۇردى .

 خەلقئارا بازاردا كورلا نەشپۈتى «نەشپۈتلەر ئارىسىدىكى قىممەتلىك مېۋە»، « مېۋىلەر شاھزادىسى» دەپ ئاتىلىپ كەلدى. كورلا نەشپۈتىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى ئۆزگىچە ئورنى ۋە مۇھىم تەسىرى تۈپەيلىدىن، كورلا شەھىرى يەنى يەرلىكتىكى ئاھالىلەر تەرىپىدىن ئىپتىخارلانغان ھالدا «نەشپۈت شەھىرى» دەپ ئاتىلىپ كەلدى.

   كورلا نەشپۈتى چېچەكلەشتىن پىشىشقىچە 145 كۈن كېتىدۇ، شېڭ جېنمىڭنىڭ دېيىشىچە، كورلا نەشپۈتى جەمئىيىتىنىڭ تەلىپى بويىچە، كورلا نەشپۈتىنىڭ تاتلىقلىق دەرىجىسى 12 گىرادۇستىن ئاشقاندىلا ئاندىن ئۈزۈپ ساتقىلى بولىدىكەن، نەشپۈتنىڭ ئىچىدىكى مېغىزى قارىداپ ياكى قوڭۇر رەڭگە ئۆزگىرىپ بەش تالدىن ئاشسا، بازارغا سېلىنىپ سېتىلىدىغان كورلا نەشپۈتىنىڭ ھەممىسى پىشقان نەشپۈت بولىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى