تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

پۇتنى دائىم ئالماپ ئولتۇرۇشنىڭ زىيىنى كۆپ

   نۇرغۇن كىشىنىڭ پۇتىنى ئالماپ ئولتۇرىدىغان ئادىتى بار، بەزىلىرى ئەركىن – ئازادە ئالماپ ئولتۇرسا، بەزىلىرى ناھايىتى ئەپچىللىك بىلەن نەپىس ئالماپ ئولتۇرىدۇ، مەيلى قايسى خىل ئالماپ ئولتۇرۇش بولسۇن، ھەر ئىككىسىنىڭ سالامەتلىككە تەسىرى بولۇشى مۇمكىن.

    مەلۇم نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، پۇتنى ئالماپ ئولتۇرغاندا ئادەم بەدىنىنىڭ ئېغىرلىق مەركىزىنى تەڭشەپ، تېخىمۇ مۇقىم ئولتۇرغىلى بولىدۇ؛ پۇت ۋە پۇت ئاستى مۇسكۇلىنىڭ جىددىيلىكىنى ۋاقتىنچە پەسەيتىپ، مۇسكۇل توپىنى قىسقا بوشاشتۇرىدۇ. بىراق، ئالدىنقى شەرتى ۋاقتى قىسقا بولۇشى كېرەك، ئەڭ ياخشىسى 10 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، بولمىسا ئېلىپ كەلگەن زىيىنى پايدىسىنى بېسىپ چۈشىدۇ.

   پۇتنى ئالماپ ئولتۇرۇشنىڭ تۆۋەندىكىدەك زىيانلىق تەرەپلىرى بار: 

  1. پۇت ۋىنا تومۇرىنىڭ ئەگرى - بۈگرى كېڭىيىشىنى ياكى قان نوكچىسى كەپلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
  2. ئومۇرتقا شەكلىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
  3. سۆڭەك كېسەللىكلىرى ئۆزگىرىشى ياكى مۇسكۇللارنىڭ زورۇقۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
  4. ئاياللار كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى نەقلەشتى
  • شىنجاڭدا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يېڭىلىنىپ 731.3 كىلوگىرامغا يەتتى
  • يازدا قومۇل مىڭشا تېغىغا بېرىش