تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز جاڭ شىنجۈن خەۋىرى) 9- ئاينىڭ 8- كۈنى سائەت 20 دە، 11- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى خېنەن ئۆلكىسىنىڭ جېڭجۇ شەھىرى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مەركىزىدە تەنتەنىلىك باشلاندى.
ئېچىلىش مۇراسىمىنىڭ ئالاھىدە ھالقىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەر بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى مەيدانغا كىرىپ رەئىس سەھنىسىدىن ئۆتكەندە، 30 سېكۇنت تۇرۇپ نومۇر كۆرسىتىش ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئالاھىدە «ئالتۇن ۋاقىت» غا ئايلاندى.
شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى مەيدانغا كىرگەندە، 30 ئارتىس ئېسىل كىيىنىپ، ئۇسسۇل ماھارىتى ۋە قالتىس نومۇرلىرى بىلەن مەيداندىكى تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.