جۇڭگو ئاخبارات تورى، 9- ئاينىڭ 10- كۈنى تېلېگراممىسى: 2019- يىللىق ئەرلەر ۋاسكېتبول دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ سەككىز كۈچلۈك كوماندىسىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئەگىشىپ، 9~32گىچە بولغان رەت تەرتىپمۇ 9- ئاينىڭ 9- كۈنى كەچتە ئېنىق بولدى. رەت تەرتىپكە تىزىش قائىدىسى بويىچە، جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە 24-ئورۇنغا تىزىلدى، بۇ جۇڭگو كوماندىسىنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە بىۋاسىتە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشەلمىگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، بىۋاسىتە كىرەلمىگەنلەر مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن، جۇڭگو كوماندىسى تەكلىپلىك مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.
ماتېرىيال سۈرەت: 9-ئاينىڭ 8-كۈنى كەچتە، جۇڭگو كوماندىسىنىڭ ماھىرى يى جيەنليەن مۇسابىقىدە. شۇ كۈنى، 2019-يىللىق خەلقئارا ۋاسكېتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ۋاسكېتبول دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ 17~32غىچە بولغان رەت تەرتىپ مۇسابىقىسى داۋاملىق ئۆتكۈزۈلدى، گۇاڭجوۋدا ئۆتكۈزۈلگەن M گۇرۇپپىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقىدە، جۇڭگو كوماندىسى 86:73 نەتىجىدە نىگېرىيە كوماندىسىغا يېڭىلىپ قالدى.
بۇ نۆۋەتلىك ئەرلەر ۋاسكېتبول دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە، ساھىبخانا مەيداندا مۇسابىقىلەشكەن جۇڭگو كوماندىسى ئىككى مەيدان يېڭىش، ئۈچ مەيدان يېڭىلىشتەك نەتىجە بىلەن M گۇرۇپپىدا 2-بولدى، 17~32گىچە بولغان رەت تەرتىپ مۇسابىقىسىنىڭ گۇرۇپپا رەت تەرتىپىدە 2-بولغان كوماندا ئارىسدا ساپ كىرگۈزگەن نومۇر جەھەتتە تۆۋەن ئورۇندا تۇردى، شۇڭا، جۇڭگو كوماندىسى بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە 24-بولدى. توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن، جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ پەقەت كېلەر يىلى 6-ئايدىكى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بىۋاسىتە كىرەلمىگەنلەر مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشتىن ئىبارەت ئەڭ ئاخىرقى بىرلا يولى قالدى.
قائىدە بويىچە، 24 كوماندا بىۋاسىتە كىرەلمىگەنلەر مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە 16 كوماندا بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدىن تاللانغان، دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە يەتتە كوماندا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە بىۋاسىتە قاتنىشىدۇ، ياپونىيە كوماندىسى ساھىبخانا كوماندا سالاھىيىتى بىلەن مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ، بۇنى مۇزاكىرە قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، قالغان 25 كوماندا ئىچىدە ئالدىنقى 16 كوماندا بىۋاسىتە كىرەلمىگەنلەر مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىدۇ، جۇڭگو دەل 24-ئورۇنغا تىزىلغان، بىر دەرىجە پەرق بىلەن بىۋاسىتە كىرەلمىگەنلەر مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىدىن قۇرۇق قالدى.
ئەگەر جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى بىۋاسىتە كىرەلمىگەنلەر مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشمەكچى بولسا، ئۇنداقتا پەقەت ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئىككى تەكلىپلىك مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىدىن بىرنى تالىشىپ قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك، تەكلىپلىك مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتى ۋاسكېتبول دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن خەلقئارا ۋاسكېتبولچىلار بىرلەشمىسى ئېلان قىلغان ھەر قايسى دۆلەت كوماندىلىرىنىڭ رەت تەرتىپىگە قاراپ قارار قىلىنىدۇ.