تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

99 ئاممىۋى پاراۋانلىق كۈنى شىنجاڭ ھەرىكەتتە

      تىيانشان تورى خەۋىرى (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى بەي سۇجۈن خەۋىرى):  ياردەمگە موھتاج كىشىلەرگە غەمخورلۇق قىلالىغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇم.» دېدى 9- ئاينىڭ 8- كۈنى ئەتىگەندە شىنجاڭ تېببىي داشۆسى 1- تارماق دوختۇرخانىسى بالىلار كېسەللىكلىرى بۆلۈمى كېسەلخانىسىدا تۆگىنىڭ ئوغۇز سۈتىنى تارقىتىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەن 75 ياشلىق پىدائىي يى شيۇيىڭ.

    شۇ كۈنى، 5- قېتىملىق «99 ئاممىۋى پاراۋانلىق كۈنى» يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا، بوۋاي يى شيۇيىڭ ۋە باشقا 29 پىدائىي شىنجاڭ ۋاڭيۈەن بىيو پەن - تېخنىكا گۇرۇھى ئىئانە قىلغان 600 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى تۆگىنىڭ ئوغۇز سۈتىنى ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان 300 بالا ۋە ياشانغانلارغا تارقىتىپ بەردى. جىددىي خاراكتېرلىك لىمفا ھۈجەيرىسى ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىنىڭ ئانىسى لى يەن مۇنداق دېدى: «قىزىم ئەمدىلا تۆت ياشقا كىردى، سەككىز قېتىم خىمىيەلىك داۋالاش قىلىپ بولدۇم، بۇ تۆگىنىڭ ئوغۇز سۈتى بالىنىڭ بەدىنىنى قۇۋۋەتلەيدۇ. كۆپچىلىكنىڭ غەمخورلۇقىغا رەھمەت.»

   يى شيۇيىڭغا ئوخشاش تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى مېھرىبان كىشىلەر ئوخشىمىغان شەكىلدىكى ئاممىۋى پاراۋانلىق پائالىيىتى ئارقىلىق ياردەمگە موھتاج كىشىلەرگە غەمخورلۇق قىلدى.

    بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىشلىرىنى قىزغىن سۆيىدىغان خەن جەنچياڭ ھەرخىل شەكىللەر ئارقىلىق دوستلىرىنى «بالىلارغا كۆز ئاسراش چىرىغى سوۋغا قىلىش» تۈرىنى قانات يايدۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلىپ، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى بالىلارغا كۆز ئاسراش چىرىغى ئىئانە قىلدى. ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى «بارماقچىلىك مېھىر» ئاممىۋى  پاراۋانلىق  ئەترىتى شۇ  جايدىكى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار نامرات بالىلارغا «ئىللىقلىق يەتكۈزۈش سومكىسى» تارقىتىپ بېرىپ، ئېغىر كېسەل بالىلارغا ياردەم  بېرىش تۈرىنى قانات يايدۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى