تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

[مەن ۋە مېنىڭ ۋەتىنىم] مەتنىياز: بېيجىڭغا يەنە بېرىپ، دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىنى كۆرگۈم بار

مەتنىياز ئەيسا

   تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر دېڭ لىجۈەن، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋېي يەنبىن فوتوسى، خەۋىرى): «1949-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى، رەئىس ماۋ زېدۇڭ تيەنئەنمېن راۋىقىدا تۇرۇپ، پۈتۈن دۇنياغا تەنتەنىلىك ھالدا :<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى قۇرۇلدى!> دەپ جاكارلىدى. شۇ كۈنى، ئانام مېنى تۇغدى، مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كۈن.» 9-ئاينىڭ 4-كۈنى، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ ئارال بازىرى شاختۇر كەنتىدىكى 70 ياشلىق پارتىيە ئەزاسى مەتنىياز ئەيسا شۇنداق دېدى.

  مەتنىياز ئەيسا 1986-يىلى پارتىيەگە كىرگەن بولۇپ، 33 يىللىق پارتىيە ئىستاژىغا ئىگە «تۆت پېشقەدەم»لەرنىڭ بىرى. 1963-يىلى، ئۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، كەنتتە كىچىك ئەترەت باشلىقى بولغان؛ 1966-يىلىدىن 1978-يىلىغىچە كەنت ئىتتىپاق ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان؛ 1979-يىلىدىن 1990-يىلىغىچە كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان، بۇ مەزگىلدە نۇرغۇن شەرەپ گۇۋاھنامىسى ئالغان؛ 1990-يىلىدىن 1998-يىلىغىچە كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولغان. 1999-يىلى سالامەتلىك سەۋەبىدىن پېنسىيەگە چىقىشنى ئىلتىماس قىلغان.

  مەتنىياز ئەيسانىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ناھايىتى ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى، ئۇلارنىڭ كەنتىدە مەكتەپ يوق ئىكەن، 1958-يىلى ئۇ قوشنا كەنتتىكى باشلانغۇچ مەكتەپتە يېرىم يىل ئوقۇغان، كېيىن كەنت باشلانغۇچ مەكتىپى قۇرۇلغاندىن كېيىن، كەنتتىكى مەكتەپكە قايتىپ داۋاملىق ئوقۇغان. «ھازىر، كەنتتە باشلانغۇچ مەكتەپ، يەنە يەسلى بار، بالىلار مەكتەپتە ئوقۇسا ئوقۇش پۇلى ئېلىنمايدۇ، ئوقۇتۇش سۈپىتى بىزنىڭ ئۇ چاغلاردىكىدىن كۆپ ياخشى. 1968-يىلى كەنتىمىزدە دۈمبىسىگە كىچىك دورا ساندۇقىنى يۈدۈۋالىدىغان بىر دوختۇر بار ئىدى، كىمنىڭ ئۆيىدە كېسەل بولسا، ئۇ دورا ساندۇقىنى يۈدۈپ شۇ ئۆيگە بېرىپ كېسەل كۆرەتتى. 1982-يىلى كەنتتە كېسەك ئۆيلۈك شىپاخانا قۇرۇلدى، ھېلىقى دوختۇرنىڭ كېسەل كۆرىدىغان مۇقىم جايى بار بولدى، ئەمما داۋالاش شارائىتى يەنىلا ناچار ئىدى. ھازىر بىزنىڭ كەنتتە شىپاخانا بار، دوختۇرلارمۇ بەك كەسپىي» دېدى ئۇ.

  2001-يىلى مەتنىياز ئەيسا كەنتتىكى تۆت نەپەر «تۆت پېشقەدەم» بىلەن بىللە بېيجىڭغا باردى.

  «بىز تيەنئەنمېن ئالدىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشتۇق، بېيجىڭدا تۇرغان ئۈچ كۈن ئىچىدە، بىر نەچچىمىز تيەنئەنمېن ئەتراپىنى پىيادە ئايلىنىپ چىقتۇق، يەنە گۇگۇڭ سارىيى، خەلق سارىيىغا باردۇق. بۇ يىل، بىز مەسلىھەتلىشىپ، بېيجىڭغا يەنە بىر بارماقچى بولدۇق، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر ساياھەت كوپىراتىپى بىلەن ئالاقىلىشىپ قويدۇق، ئۆمەك تەشكىللەپ بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجوۋ قاتارلىق شەھەرلەرگە بېرىپ ئايلىنىپ كېلىشكە دېيىشتۇق. مېنىڭ تيەنئەنمېنغا بېرىپ دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىنى كۆرۈش ئارزۇيۇم بار، يەنە جياشىڭغا بېرىپ قىزىل كېمىنى كۆرۈپ باققۇم بار» دېدى مەتنىياز ئەيسا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى