تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

شىخەنزە-ماناس چوڭ كۆۋرۈكىدە قۇرۇلۇش باشلاندى

   شىنجاڭ گېزىتى ماناس 9-ئاينىڭ 9-كۈنى خەۋىرى (مۇخبىر گې يوۋجۈن خەۋەر قىلىدۇ): 9- ئاينىڭ 9- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شىخەنزە- ماناس چوڭ كۆۋرۈكى ھەمدە يول ئۇلاش لىنىيەسى قۇرۇلۇشى ماناس دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدا رەسمىي باشلاندى، بۇ شىخەنزە شەھىرى، ماناس ناھىيەسىدە بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش قۇرۇلۇشىدا ماھىيەتلىك قەدەم تاشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  بۇ يىل 3-ئايدا، شىخەنزە شەھىرى بىلەن ماناس ناھىيەسى بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش نۇقتىسى قىلىپ بېكىتىلدى. شىخەنزە، ماناس ئىككى جايدىكى پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت ئالاقىدار خىزمەت تەلىپىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆپ قېتىم ئۇدۇللاشتۇرۇپ كېڭىشىش ئارقىلىق، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما قاتناش تۈرى —— شىخەنزە-ماناس چوڭ كۆۋرۈكىنى ئىككى جاينىڭ ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم تايىنىش نۇقتىسى ۋە ۋاسىتىسى، شىخەنزە - ماناس بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى سىناق رايونى  قۇرۇلۇشىدىكى ۋەكىل خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش بولۇش سۈپىتى بىلەن نۇقتىلىق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، دەپ قارىدى.

  شىخەنزە-ماناس چوڭ كۆۋرۈكى تۈرىگە تەخمىنەن 490 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، شىخەنزە - ماناس چوڭ كۆۋرۈكى ۋە يول تۇتاشتۇرۇش لىنىيەسىدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن. بۇنىڭ ئىچىدە كۆۋرۈك گەۋدىسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى680 مېتىر، كەڭلىكى 36 مېتىر بولۇپ، قوش يۆنىلىشلىك ئالتە ئاپتوموبىل يولى لايىھەلەنگەن؛ يول تۇتاشتۇرۇش لىنىيەسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 5.8 كىلومېتىر. پۈتۈن قۇرۇلۇش 2021- يىلى 10- ئايدا پۈتىدۇ.

  ماناس ناھىيەسى بىلەن شىخەنزە شەھىرى ماناس دەرياسىنىڭ ئىككى تەرىپىدە بولۇپ، ئىككى جاينىڭ ئارىلىقى 15 كىلومېتىر كېلىدۇ. نۆۋەتتە، ئىككى جاينىڭ ئارىلىقىدا S115 لىنىيەسى ۋە ئۈرۈمچى - كۈيتۈن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى بار. لېكىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قاتناش تىرانسپورت مىقدارىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىغا ئەگىشىپ، يول قاتناش تىرانسپورت كۈچى كۆرۈنەرلىك يېتىشمەي، قاتناش بېسىمى تېز ئېشىپ، ئىككى جاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا نۇرغۇن قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلگەنىدى. شىخەنزە-ماناس چوڭ كۆۋرۈكى ۋە يوللارنى تۇتاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلىنىشى بۇ خىل ئەھۋالنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى