تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى كۈز كىرگەندىن بۇيانقى ئەڭ كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېقىمى جەريانىنى كۈتۈۋالىدۇ

  ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لياڭ لې خەۋىرى): 9-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئۈرۈمچى كۈز كىرگەندىن بۇيانقى ئەڭ كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېقىمى جەريانىنى كۈتۈۋالىدۇ، شەھەر رايونىدا قاتتىق يامغۇر يېغىپ، تېمپېراتۇرا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، چارشەنبە (9-ئاينىڭ 11-كۈنى) كۈندۈزدە يەنىلا ئازراق يامغۇر يېغىپ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃15قا، ئەتىگەن ۋە كەچتىكى ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃10قا چۈشۈپ قالىدىكەن.

  بۇ ھەپتىدە، ئۈرۈمچى كۈز كىرگەندىن بۇيانقى ئەڭ كۈچلۈك بىر قېتىملىق سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنى كۈتۈۋالىدىكەن، ئۇنىڭ تەسىرىدە ھۆل-يېغىن ۋە تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق ھاۋا رايى كۆرۈنەرلىك بولىدىكەن.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ ئالدىن مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئەتە (9-ئاينىڭ 11-كۈنى) ئۈرۈمچى شەھەر رايونىدا قاتتىق يامغۇر، نەنسەندىكى قىسمەن جايلاردا قارا يامغۇر يېغىپ، تېمپېراتۇرا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدىكەن، شەھەر رايونىدا كۈندۈزدىكى يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃20تىن تۆۋەن بولىدىكەن. چارشەنبىمۇ ھۆل-يېغىنلىق ھاۋا رايى ئۇدا كۆرۈلۈپ، شەھەر رايونىدا ئازراق يامغۇر ياغىدىكەن، كۈندۈزدىكى يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃15قا، ئەتىگەن ۋە كەچتىكى تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃10قا چۈشۈپ قالىدىكەن. پەيشەنبە ئۈرۈمچىدە ھاۋا بارا-بارا ئېچىلىدىكەن، ئەمما تېمپېراتۇرىنىڭ قايتا ئۆرلىشى ئاجىز بولىدىكەن، شەھەر رايونىدا يۇقىرى تېمپېراتۇرا يەنىلا ℃20 ئىچىدە بولىدىكەن.

  مېتېئورولوگىيە تارماقلىرى شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، بۇ قېتىملىق ھاۋا رايى جەريانىدا ھۆل-يېغىن يېغىش ۋە تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەش كۆرۈنەرلىك بولۇپ، شەھەر قۇرۇلۇشى، قاتناش - تىرانسپورت ۋە ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا بىر قەدەر چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ، شەھەر رايونى يامغۇر سۈيى سىرغىمىسىدىن ۋە قىسمەن جايلارغا يامغۇر سۈيى يىغىلىپ قېلىشتىن ساقلىنىشى، تاغلىق رايونلار قىسمەن جايلاردا پەيدا بولىدىغان گېئولوگىيەلىك ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. پۈتۈن شىنجاڭ مىقياسىدىن قارىغاندا، چارشەنبىگىچە شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ھۆل-يېغىن يېغىش ۋە تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەش بىر قەدەر كۆرۈنەرلىك بولىدىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى نۇقتىلىق ئەسكەرتمە ئېلان قىلغان، بۇ قېتىملىق ھاۋا رايىنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى ئۇزۇن، ھۆل-يېغىن مىقدارى كۆپ، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەرب تەرەپكىرەك جايلاشقان رايونلىرى ۋە تاغلىق رايونلىرىدا قىسقا ۋاقىتلىق كۈچلۈك ھۆل-يېغىن، مۆلدۈر، گۈلدۈرمامىلىق بوران قاتارلىق كۈچلۈك كونۋېكسىيەلىك ھاۋا رايى كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقى بىر قەدەر چوڭ بولۇپ، قىسمەن جايلار قىيان، لاتقا شېغىللىق ئېقىن، تاغ گەۋدىسى گۈمۈرۈلۈش قاتارلىق گېئولوگىيەلىك ئاپەت ۋە كۈچلۈك كونۋېكسىيەلىك ھاۋا رايىنىڭ پايدىسىز تەسىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى زۆرۈر. تاغلىق رايونلاردا يامغۇر قارغا ئۆزگىرىدۇ، تاغقا ساياھەتكە چىققاندا بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ قېتىمقى ھاۋا رايى جەريانىدا جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدا ئومۇميۈزلۈك 5~6 بال غەربىي شىمال شامىلى چىقىدۇ، شامال ئېغىزى رايونلىرىدا شامال كۈچى بىر قەدەر كۈچلۈك بولۇپ، قاتناش-تىرانسپورت، شەھەر قۇرۇلۇشى، باغ-ئورمانچىلىق قاتارلىقلارغا پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىش زۆرۈر.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى