تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرى: ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىدا ئوقۇتقۇچىلارغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش

  تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز سۈن جىنسۇڭ، جاڭ زىۋېي): 9- ئاينىڭ 7- كۈنى، ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونلۇق بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ چىفاڭ تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى ئارىشاڭ مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى مەھەللە كومىتېتى بىلەن بىرلىشىپ، «ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىدا ئوقۇتقۇچىلارغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچى ئوتتۇرىسىدىكى چوڭقۇر مۇھەببەت» باش تېمىسىدا پائالىيەت قانات يايدۇرۇپ، تەۋەلىكىدىكى پېنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچىلارغا بايراملىق سوۋغات تەقدىم قىلدى ۋە گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىدى.

  پائالىيەت نەق مەيدانىدا، مەھەللە كومىتېتىدىكى پارتىيەلىك كادىرلار، ئاھالىلەر، ئوقۇغۇچىلار، شۇنداقلا پېنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچىلار بىرلىكتە گۈل تاللاپ، قىيدى، ھەر قايسى گۇرۇپپىلارنىڭ ماسلىشىشى تەرتىپلىك بولدى! بىر دەمدىن كېيىن، ئۆزگىچە پۇراقلىق، يېڭى، چىرايلىق گۈلدىن ياسالغان سوۋغاتلار بارلىققا كەلدى.

  «سۆيۈملۈك مۇئەللىم، سىزنىڭ بىزنى جاپالىق تەربىيەلىگەنلىكىڭىزگە رەھمەت، مۇئەللىم، جاپا چەكتىڭىز!» ئۈرۈمچى شەھەرلىك 64- باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇيدىغان جادىرا قاسېن ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 39- باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ئۇكراي ئايتجۇما سۆيۈملۈك ئوقۇتقۇچىلىرىغا گۈل تۇتۇپ، بايراملىق سالام بەردى ۋە تىلەك تىلىدى.

  75 ياشلىق پېنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچى لياڭ يۈشۇاڭ مۇنداق دېدى: «بالىلار گۈل سۇنۇپ گۈزەل تىلەكلەرنى بىلدۈرگەن شۇ مىنۇتتا ئۆزەمنى دەرسخانىغا قايتىپ كەلگەندەك ھېس قىلدىم. ئۈچ چى ئۇزۇنلۇقتىكى مۇنبەر ماڭا ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ۋە مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسى بەرگەن، ھازىرقى ياخشى دەۋرگە رەھمەت، پارتىيەنىڭ بىزگە كۆڭۈل بۆلگىنىگە، كۆيۈنگىنىگە رەھمەت.»

  شۇ كۈنى مەھەللە كومىتېتى مېۋە ۋە قۇرۇق يەل - يېمىش تەييارلىغان بولۇپ، تەۋەلىكتىكى پېنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچى ۋە بالىلار باغچىسىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىپ، بىرلىكتە سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. بالىلار ئوقۇتقۇچىلار ئۈچۈن «مېھىرلىك يۈرەك»، «مۇھەببەتلىك تۆھپە قوشۇش» قاتارلىق ناخشىلارنى ئېيتىپ، «يۇلتۇزلار بىزنى يورۇتتى»، «ھەر قېتىم دېرىزە ئالدىدىن ئۆتكەندە» قاتارلىق شېئىرلارنى دېكلاماتسىيە قىلىپ، سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇندىدى، ئوقۇتقۇچىلار بەس - بەستە بۇ يىللىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنىڭ پىنسىيەگە چىققاندىن بۇيانقى تولىمۇ تەسىرلىك ئۆتكۈزگەن بىر قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى ئىكەنلىكىنى، مەھەللە ۋە ئاھالىلەرنىڭ ئۆزلىرىگە كۆڭۈل بۆلگىنىگە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى