بۇ يىل ئېلىمىزنىڭ 35- قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن تىيانشان تورى «ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىلىق كوچا زىيارىتى قىلىپ، ئوقۇتقۇچىنىڭ مېھرىبانلىقىنى ئەسلەش» يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى مەخسۇس پىلانلاپ يولغا قويدى. ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كوچىلىرىدا «يېشى چوڭ ئوقۇغۇچىلار» ئوقۇتقۇچىسى بىلەن بولغان مېھىرلىك ھېكايىلەرنى ئەسلەپ بەردى، شۇنداقلا ئوقۇتقۇچىسىغا بايراملىق تىلەكلىرىنى سۇندى. كۆپچىلىك بىرلىكتە ئاڭلاپ باقايلى!