تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

دائىم شوخلا يەپ بەرسە قان تومۇرغا پايدىلىق

     شوخلىنى خام يېگەن ياخشىمۇ ياكى قورۇپ يېگەن ياخشىمۇ؟ 

    جۇڭگو يېزا ئىگىلىك داشۆسى يېمەكلىك ئىلمى ۋە ئوزۇقلۇق قۇرۇلۇشى دوتسېنتى جۇ يى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شوخلىنى خام يېگەندە ئىشتىھانى ئېچىپلا قالماستىن، يەنە ئۇنىڭ ئىچىدىكى ۋىتامىن، يېمەكلىك تالاسى قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار بەدەنگە تولۇق قوبۇل قىلىنىدۇ، بىراق شوخلا قىزىل ماددىسى، كاروتىن قاتارلىق ياغدا ئېرىيدىغان ئوزۇقلۇق ماددىلار، ياغ بىلەن ئارىلاشقاندىلا ئاندىن تېخىمۇ ياخشى سۈمۈرۈلىدۇ. شۇڭا، شوخلىنى قازانغا سېلىپ، ئاز مىقداردا ياغ بىلەن قورۇپ پىشۇرسا، شوخلا قىزىل ماددىسى ۋە كاروتىننىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە پايدىلىق. بۇ خىل ئەھۋالدا، ۋىتامىن Cنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىمۇ ناھايىتى ئاز بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، يېمەكلىك تالاسى ۋە مىنېرال ماددا قاتارلىق تېمپېراتۇرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدىغان ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ مىقدارىدا ئۆزگىرىش بولمايدۇ، شۇڭا، شوخلىنى خام يېسىمۇ، قورۇپ يېسىمۇ بولىۋېرىدۇ. ئەگەر شوخلا قىزىل ماددىسى، كاروتىن قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلارنى تېخىمۇ ياخشى قوبۇل قىلماقچى بولسا، پىششىق يېگەندە ئېھتىياجنى تېخىمۇ قاندۇرغىلى بولىدۇ، لېكىن ياغ مىقدارى چوقۇم ئاز بولۇشى كېرەك، بىر قوشۇق بولسىلا بولىدۇ.

  شوخلا قىيامىمۇ كۆپ ئۇچرايدىغان تەم تەڭشىگۈچ بولۇپ، چۈچۈمەل، تاتلىق، ئىشتىھانى ئاچىدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، شوخلا قىيامىنى تاللىغاندا، ئالدى بىلەن ساپ شوخلا بىلەن قاينىتىلغان قىياممۇ ياكى شوخلا قىيامى ئاساسىدا ئاق شېكەر، تۇز، پۇراقلىق ماددا قوشۇلغان شوخلا قىيامىمۇ شۇنىڭغا قاراش كېرەك، كېيىنكىسى تەم تەڭشەش ئىقتىدارىغا ئىگە تەم تەڭشىگۈچ بولۇپ، قورۇما قورۇغاندا شېكەر، تۇزنى ئازايتىشقا دىققەت قىلىش كېرەك.

  ساپ شوخلا قىيامىغا ئوخشاش، سىقىلغان ساپ شوخلا شەربىتىدە شوخلىنىڭ ئاساسلىق ئوزۇقلۇق ماددىسى ساقلىنىپ قالىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھۈجەيرە دىۋارى، شوخلا قىزىل ماددىسى قاتارلىقلارنىڭ ئېرىشچان مىقدارى تېخىمۇ كۆپ بولۇپ، ئوزۇقلۇق قىممىتى بىرقەدەر يۇقىرى ئىچىملىكتۇر. بىراق شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، تاللا بازارلىرىدا بوتۇلكىغا قاچىلانغان شوخلا شەربىتى سېتىۋالغاندا، ماتېرىيال تەڭشەش جەدۋىلىنى تەپسىلىي كۆزىتىش كېرەك، كۆپىنچىسىگە شوخلا شەربىتى ئاساسىدا شېكەر، تۇز قاتارلىق تەركىبلەر ئارتۇق قوشۇلىدۇ، بۇ خىل ئىچىملىكلەر تاتلىق ئىچىملىكتىن كۆپ پەرقلەنمەيدۇ.

  ۋۇخەن شەھەرلىك مەركىزىي دوختۇرخانا كلىنىكىلىق ئوزۇقلۇق بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋراچى شۈ شۇفاڭ مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: بەزى كىشىلەر شوخلىنى ئېھتىيات بىلەن يېيىشى ياكى ئاز يېيىشى كېرەك. 1. ئاشقازان قىزىلئۆڭگەچ سۈيى تەتۈر ئېقىشچان بىمارلار ۋە قورساق قىسمى ئاسان ئاغرىيدىغان كىشىلەر. ئاشقازان قىزىلئۆڭگەچ سۈيى تەتۈر ئېقىشچان كېسىلى يېمەك - ئىچمەك بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، شوخلىدىكى ئورگانىك كىسلاتا ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ تەتۈر ئېقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. خام شوخلىنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ئالكالوئىد بولىدۇ، گەرچە پىشىپ، سولانىن مىقدارى تۆۋەنلىسىمۇ، لېكىن ئاشقازان-ئۈچەي ئىقتىدارى سەزگۈر كىشىلەر كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلسا بىئارام بولىدۇ. بۇ خىلدىكى كىشىلەر شوخلىنى پىششىق، ئاچ قورساق ياكى خام يېيىشتىن ساقلىنىشى كېرەك. 2. شوخلا رېئاكسىيە قىلىدىغان كىشىلەر توپى. شوخلا رىئاكسىيە مەنبەلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئاسان يۇقۇملىنىدىغان كىشىلەر توپى ئىستېمال قىلسا ياكى ئۇچراشسا، چۈشكۈرۈش، ھۆل تەمرەتكە، ئەسۋە قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. 3. ئۇيۇشقا قارشى دورا ئىشلىتىۋاتقان كىشىلەر. شوخلىنىڭ ۋىتامىن K تەركىبى بىر قەدەر يۇقىرى بولغاچقا، كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلىنسا دورىنىڭ ئۇيۇشقا قارشى تۇرۇش ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، ئاز مىقداردا ئىستېمال قىلسا ھىچقىسى يوق. ( لى شۇاڭ )

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى 

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى