تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ شىنجۈن فوتوسى، خەۋىرى): 9- ئاينىڭ 7- كۈنى، 11- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مىللىيچە ساغلاملىق گىمناستىكىسى تۈرى تەنھەرىكەتچىلىرى جېڭجوۋدىكى خۇامېيدا مېھمانسارىيىدا مۇسابىقىدىن بۇرۇنقى مەشقىنى قىلدى. بۇ قېتىم شىنجاڭغا ۋاكالىتەن مىللىيچە ساغلاملىق گىمناستىكىسى تۈرىگە قاتناشقان تەنھەرىكەتچىلەر شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتى قارىمىقىدىكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك سەنئەت مەكتىپىدىكى ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلاردىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، جەمئىي 18 تەنھەرىكەتچى بار، مىللىيچە ساغلاملىق گىمناستىكىسى تۈرى ئۆزى تاللىغان ھەرىكەت ۋە بەلگىلەنگەن ھەرىكەتتىن ئىبارەت ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ، مۇسابىقە 9-ئاينىڭ 10- كۈنى جېڭجوۋ شەھەرلىك تەنتەربىيە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.