تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مائارىپ

سالام! خەلق ئوقۇتقۇچىسى

1951-يىلى، بېيجىڭ، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى جېڭ يۈن ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يۈەن لىڭ فوتوسى

شىنخۇا تورى خەۋىرى: «ئۈچ سۇڭ بور، ئۈچ چى مۇنبەرگە دۆلەتنىڭ كەلگۈسى  باغلانغان؛ بىر پاك قەلب شامغا ئوخشاش خەلق روھىنى يورۇتىدۇ، تاۋلايدۇ.» ئوقۇتقۇچى ئىنسان روھىنىڭ ئېنژىنېرى، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ ۋارىسى، ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەپ مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى. بۇ يىل يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70يىللىقى. 70يىلدىن بۇيان، خەلق ئوقۇتقۇچىلىرى ۋەتىنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بىلىم تارقىتىش، ئىدىيە تارقىتىش، ھەقىقەت تارقىتىش، روھ يارىتىش، ھاياتلىق يارىتىش، يېڭى كىشىلەرنى يارىتىشتەك ئېغىر ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالدى.

35-قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، خەلق ئوقۇتقۇچىلىرىغا ھۆرمەت بىلدۈرىمىز!

1958-يىلى جېجياڭ ئۆلكىسى لۇڭچۈەن ناھىيەسى ئەنشيا كەنتى (ھازىرقى لۇڭچۈەن شەھىرى لۇڭنەن يېزىسى فېڭياڭ كەنتى)دىكى خەلق مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى لى جاۋدى بالىسىنى يۈدىگەن ھالدا ياش دېھقانلارغا خەت ئۆگەتمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (شۈ يۇڭخۇي فوتوسى)

بېيجىڭ 2- تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى خو ماۋجېڭ مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلماقتا. (ماتىرىيال سۈرەت) شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان.

1959-يىلى، شاڭخەي شەھەرلىك يۈسەي ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ فىزىكا ئوقۇتقۇچىسى لۇ جىنرۇڭ (ئوڭدىن ئىككىنچى كىشى) ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەسىلىنى يېشىشىگە ياردەم بەرمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى چېن جۈەنمېي فوتوسى

1959- يىلى، شاڭخەي شەھەرلىك دېھقانچىلىق مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى فەن چىدۇڭ مۇئەللىم (سولدىن ئۈچىنچى كىشى)نىڭ يېتەكچىلىكىدە تۇپراقنى تەھلىل قىلماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاۋ چېڭ فوتوسى

بېيجىڭ شەھىرى فۇسۈيجىڭ باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى خۇاڭ گۇاڭۋېي مۇئەللىم 1-يىللىق 1-سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارغا ھېكايە سۆزلەپ بەرمەكتە. (ماتېرىيال سۈرەت) شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى گۇ دېخۇا فوتوسى

1960-يىلى، شاڭخەي شەھەرلىك 4- سىفەن مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى پىئانىنونى ھەم ئاۋازلىق ھەم نۇرلۇق «ئاۋاز-ئوپتىك پىئانىنو»غا ئۆزگەرتتى، سۈرەتتە ئوقۇتقۇچى دەرسخانىدا ئوقۇغۇچىلارغا ئاۋاز-ئوپتىك پىئانىنونىڭ پرىنسىپىنى چۈشەندۈرمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاۋ چېڭ فوتوسى

1973- يىلى، گەنسۇ ئۆلكىسى سۇنەن يۈگۇ ئاپتونوم ناھىيەسى خۇڭشىۋو گۇڭشېسى خۇڭشىۋو ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتى چارۋىچىلىق باشلانغۇچ مەكتىپى «ئات چاپتۇرۇپ ئوقۇتۇش» چارىسىنى قوللىنىپ، قەرەللىك ھالدا ھەر قايسى چارۋا بېقىش نۇقتىلىرى ئارىسىدا ئايلىنىپ يۈرۈپ دەرس ئۆتتى، سۈرەتتە ئوقۇتقۇچى ئېگىز تاغدىكى چارۋا بېقىش نۇقتىسىدا ئوقۇغۇچىلارغا دەرس ئۆتمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى تۇڭ دېيىن فوتوسى

1986-يىلى، بېيجىڭ 2-تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ياش ئوقۇتقۇچىسى لى ليې (ئوتتۇرىدا) ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاڭ شياۋخۇا فوتوسى

1995-يىلى، يۈننەن ئۆلكىسى لىجياڭ شەھىرى نىڭيى يىزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى يۇڭنىڭ يېزىسى پىڭجىڭ باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ موسۇ ئوقۇتقۇچىسى ياڭ زۇلۇڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۇ يۈخۇ فوتوسى

1995-يىلى، شەنشى ئۆلكىسى يەنچاڭ ناھىيەسى شياشىچۈ باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ۋاڭ سىمىڭ تۆۋەن يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلارغا خەنزۇ تىلىنىڭ پىنيىنىنى تەلەپپۇز قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆگەتمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى تاۋ مىڭ فوتوسى

2006-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى، سەنشى ئۆلكىسى نىڭۋۇ ناھىيەسى ليۇخۇاڭگوۋ باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى لى يۆئې مۇئەللىم ئوقۇغۇچىسىغا دەرس تەكرار قىلىپ بەرمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى سەي ياڭ فوتوسى

2007-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئەنخۇي ئۆلكىسى نىڭگو شەھىرى يۈنتىشېزۇ ئاپتونوم يېزىسى ماۋتەن كەنتى ماۋتەن باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى يې چياۋرۇڭ  مۇئەللىم (ئوڭدىن بىرىنچى كىشى) مەكتەپتىكى ئالتە ئوقۇغۇچىغا يېتەكلەكچىلىك قىلىپ دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ لېي فوتوسى

2011-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى، خېنەن ئۆلكىسى پىڭدىڭشەن شەھىرى لۇشەن ناھىيەسى خوجۇاڭ باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى خو جيەنفاڭ سىنىپتا ئوقۇغۇچىلارغا تەكرار قىلىپ بەرمەكتە. 1985-يىلى 16 ياشلىق خو جيەنفاڭ لۇشەن ناھىيەسى ياۋشەن بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن يۇرتىغا، تاغنىڭ ئىچكىرىسىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپكە قايتىپ كېلىپ ئوقۇتقۇچى بولدى. بەزىلەر خو جيەنفاڭنى مۇنداق ماختىغان: «گەرچە ئۇنىڭ بارغان ئەڭ يىراق جايى ناھىيە بازىرى بولسىمۇ، لېكىن ئۇ تاغنىڭ ئىچكىرىسىدىكى بالىلارغا دۇنيانىڭ ئاچقۇچىنى بەردى». شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاۋ پېڭ فوتوسى

2012-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى، جاڭ لىلى مۇئەللىم ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى كېچىلىكىنى سۈرەتكە ئېلىش نەق مەيدانىدا. جاڭ لىلى خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى جيامۇس شەھەرلىك 19-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى بىر قېتىملىق قاتناش ۋەقەسىدە، ئۇ ئوقۇغۇچىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئېغىر يارىلىنىپ، ئىككى پۇتى كېسىۋېتىلگەن. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لىن فوتوسى

2015-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى، نەنجىڭ شەھەرلىك 1-يەسلىدە، ئەر يەسلى ئوقۇتقۇچىسى فۇ ۋېي بالىلارغا چامباشچىلىق گىمناستىكىسى ئۆگەتمەكتە. فۇ ۋېي 2011-يىلى نەنجىڭ سىفەن داشۆسى تەنتەربىيە شىسىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن يەسلىگە كېلىپ خىزمەت قىلغان. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جى چۈنپېڭ فوتوسى

2015-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ ليۇئەن شەھىرى جىنجەي ناھىيەسى چىنۋەن يەككە سىنىپ ئوقۇتۇش نۇقتىسىدا، چېن يېشۈن مۇئەللىم (ئوڭدىن بىرىنچى كىشى) ئوقۇغۇچىلار بىلەن دەرستىن سىرتقى پائالىيەت قىلماقتا. چېن يېشۈن مۇئەللىم 2013-يىلى تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېزىلىق مەركىزىي مەكتەپتىن بۇ يەرگە كېلىپ ئالدىنقى نۆۋەتلىك پېنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئورنىنى ئالدى. ئۇ ھەر كۈنى 20 چاقىرىم تاغ يولىنى مېڭىپ مەكتەپكە كېلىپ، ئىككى يىللىقتىكى بەش بالىغا دەرس ئۆتتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى گو چېن فوتوسى

2016-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى، يۈننەن ئۆلكىسى نۇجياڭ لىسۇ ئاپتونوم ئوبلاستى گۇڭشەن دۇلۇڭ-نۇزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى پوداڭ يېزىلىق مەركىزىي مەكتىپىدە، ساڭ لېي مۇئەللىم (ئوڭدىن بىرىنچى كىشى) سىنىپتىكى ئوغۇللارنىڭ چېچىنى ياسىماقتا. مەكتەپ تۇرۇشلۇق كەنتتە ساتىراشخانا يوق ئىدى، ساڭ لېي مۇئەللىم ئۆزى پۇل خەجلەپ چاچ چۈشۈرگۈچ سېتىۋېلىپ، بالىلارنىڭ چېچىنى ياساپ قويدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شېن بوخەن فوتوسى

2018 يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى، فۇجيەن بالىلار سىفەن ئالىي تېخنىكوم مەكتىپى قارىمىقىدىكى 1-يەسلىدە بىر بالا سۈي يۈلىڭ مۇئەللىم بىلەن ئويناشماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى سۇڭ ۋېيۋېي فوتوسى

2019 يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى، جياڭشى ئۆلكىسى يىڭتەن شەھىرى يۈجياڭ رايونى چۈنتاۋ بازىرى خۇاڭنى باشلانغۇچ مەكتىپىدە جاڭ جەنلياڭ مۇئەللىم (ئوڭ تەرەپ ئالدى) ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە ئوت ياقماقتا. ئوت يېقىشقا ئىشلىتىلىدىغان ماتېرىياللارنىڭ ھەممىسى تاشلىۋېتىلگەن ئۈستەل-ئورۇندۇق ياكى غازاڭلار بولغاچقا، ئوت ياققاندىن كېيىن توختىماي پۈۋلىگەندىلا ئاندىن يالقۇنجاتقىلى بولاتتى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، خۇاڭنى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ماددىي شارائىتى جاپالىق بولۇپ، ئاشخانا يوق ئىدى. 2018-يىلى 9-ئايدا، 44 ياشلىق جاڭ جەنلياڭ بۇ يەرگە كېلىپ مەكتەپ مۇدىرى بولدى. ئۇ ھەر ئايدا ئۆزى پۇل چىقىرىپ كۆكتات سېتىۋېلىپ، بالىلار ئۈچۈن خالىس تاماق ئېتىپ بەردى. بالىلار ئۇنى «ئاشپەز ئاتا» دەپ ئاتايدۇ. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇ چېنخۇەن فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى نەقلەشتى
  • شىنجاڭدا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يېڭىلىنىپ 731.3 كىلوگىرامغا يەتتى
  • يازدا قومۇل مىڭشا تېغىغا بېرىش