تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز جاڭ مېڭيۈ، ئىختىيارىي مۇخبىر ليۇ شياۋ خەۋىرى) 9- ئاينىڭ 6- كۈنىدىن باشلاپ، شاڭشاخې ئۆتۈشمە كۆۋرۈكى S114 لىنىيەسىدىن تۇرپان - ئۈرۈمچى - داخۇاڭشەن شىمالىي لىنىيەسىنىڭ فۇكاڭ يۆنىلىشىدىكى باغلىما يولدا يېپىق ھالەتتىكى قۇرۇلۇش باشلاندى. بۇ قېتىمقى قۇرۇلۇش 9- ئاينىڭ 20- كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغان بولغاچقا، قۇرۇلۇش مەزگىلىدە S114 لىنىيەسىدىن فۇكاڭ ۋە مىچۇەن - دۇڭسەن رايونى يۆنىلىشىگە ماڭىدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ ئايلىنىپ مېڭىشىغا توغرا كېلىدۇ، شۇڭا يولدىن ئۆتىدىغان يۈك ئاپتوموبىلىغا بولغان تەسىرى بىر قەدەر چوڭ بولۇپلا قالماي، ئەتراپتىكى قەشقەر يولى ئۆتۈشمە كۆۋرۈكى قاتارلىق يوللارغا بولغان تەسىرىمۇ بىر قەدەر چوڭ بولىدۇ.
9- ئاينىڭ 8- كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتى يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيول تارماق ئەترىتى كازىۋەن چوڭ ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، G7 يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى «تۆت ئاپتوموبىل يولىنى سەككىز ئاپتوموبىل يولىغا ئۆزگەرتىش» قۇرۇلۇشىنىڭ ئېھتىياجى بىلەن، 9- ئاينىڭ 6- كۈنىدىن 9- ئاينىڭ 20- كۈنىگىچە، شاڭشاخې ئۆتۈشمە كۆۋرۈكى S114 لىنىيەسىدىن تۇرپان - ئۈرۈمچى ـ داخۇاڭشەن شىمالىي لىنىيەسىنىڭ فۇكاڭ يۆنىلىشىدىكى باغلىما يولدا تولۇق يېپىق ھالەتتە قۇرۇلۇش قىلىنىدىكەن.
قاتناش ساقچىسى مۇنداق تەكلىپ بەردى: قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان مەزگىلىدە، S114 لىنىيەسىدىن ئۆتۈپ، فۇكاڭ ۋە مىچۇەن - دۇڭسەن رايونى يۆنىلىشىگە ماڭىدىغان چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىللار قەشقەر يولى ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىنى ئايلىنىپ ماڭسا بولىدىكەن. سانجى يۆنىلىشىدىن S114 لىنىيەسى ئارقىلىق شەھەرنىڭ شىمالىغا بارىدىغان كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىللار ئايرودۇرۇمنى ئايلىنىپ تېز سۈرئەتتە ئۈرۈمچىگە كىرسە بولىدىكەن؛ S114 لىنىيەسىدىن ئۆتۈپ فۇكاڭ يۆنىلىشى، مىچۇەن - دۇڭسەن رايونى يۆنىلىشىگە بارىدىغان كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىللار بېيجىڭ يولى ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىدىن شەھەرنىڭ شىمالىدىكى غول يوللارنى ئايلىنىپ مېڭىشى كېرەك.