تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

«جۇڭگو بويىچە چىلان ئەڭ بالدۇر پىشىدىغان يۇرت» توقسۇن ناھىيەسىدىكى چىلانلار پىشىپ ئۈزۈش مەزگىلىگە كىردى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز لى جىڭخەي، خۇ گوكەي، فەرۇقجان تۇرسۇن خەۋىرى، فوتوسى) كۈز پەسلى مول ھوسۇل ئالىدىغان پەسىل. ھازىر «جۇڭگو بويىچە چىلان ئەڭ بالدۇر پىشىدىغان يۇرت» دەپ ئاتالغان شىنجاڭ تۇرپان شەھىرى توقسۇن ناھىيەسىدىكى 110 مىڭ مودىن ئارتۇق يەردىكى چىلان پىشىپ، ئۈزۈش مەزگىلىگە كىردى.

  9- ئاينىڭ 3- كۈنى، توقسۇن ناھىيەسى شا يېزىسى نەنخۇ كەنتى 1- ئەترىتىدىكى 52 ياشلىق چىلانچى شى فامېي ئائىلىسىنىڭ چىلانلىقى قىزىرىپ پىشقان چىلان بىلەن تولۇپ كەتتى، شى فامېي ئالدىراشچىلىق ئىچىدە چىلان ئۈزگىلى كەلگەن ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى.

  «ئائىلىمىز 70 نەچچە مو يەرگە چىلان تېرىدۇق، بۇلتۇر 300 نەچچە مىڭ يۈەنلىك چىلان ساتقانىدۇق، بۇ يىل چىلان بالدۇر پىشتى، 7- ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ پىشىشقا باشلىغانىدى، چىلاننىڭ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ۋە سۈپىتى يىلدىن يىلغا ياخشىلاندى» شى فامېي مۇنداق دېدى: «يېقىنقى بىر مەزگىلدىن بۇيان، ھەر كۈنى نۇرغۇن ئادەم چىلانلىقىمدا چىلان ئۈزۈۋاتىدۇ، كۆپ بولغاندا بىر كۈندە 200 نەچچە ئادەم كۈتۈۋالىمەن، شۇڭا بەك ئالدىراش بولۇپ كېتىمەن.»

  توقسۇن ناھىيەسىدىكى چىلانلارنىڭ پوستى نېپىز، گۆشى قېلىن، ئۇرۇقى كىچىك، قەنت مىقدارى يۇقىرى شۇنداقلا ساقلاش ئاسان بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە، ئاساسلىقى كۈل رەڭ چىلان، مايا چىلان، كۈزلۈك چىلان، جۈنزاۋ چىلان، جىشىن چىلان قاتارلىق 15 خىل سورتلۇق چىلان ئۆستۈرگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە كۈل رەڭ چىلان ئەڭ كۆپ، تىكىلىش كۆلىمى %90 ئەتراپىدا. ھازىر، توقسۇن ناھىيەسىنىڭ چىلان ئۆستۈرۈش كۆلىمى 110 مىڭ مو بولۇپ، چىلاننىڭ يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 3.8 توننىغا، مەھسۇلات قىممىتى 380 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە پەقەت مۇشۇ ناھىيەنىڭ بوستان بازىرى تىككەن چىلانلا 54 مىڭ مو بولۇپ، چىلان شۇ يەرنىڭ خاس كەسپىگە ئايلانغان.

  توقسۇن ناھىيەسى تىيانشاننىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، تۇرپان ئويمانلىقىنىڭ غەربىي ئۇچىغا جايلاشقان بولۇپ، كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى ئۇزۇن، شامال كۆپ چىقىپ، يامغۇر ئاز ياغىدىغان، تېمپېراتۇرا يۇقىرى بولۇپ، ئالاھىدە جۇغراپىيەلىك مۇھىت ۋە كىلىمات سەۋەبلىك، بۇ يەردە ئۆستۈرۈلگەن يېزا ئىگىلىك زىرائەتلىرى شىنجاڭ بويىچە ئەڭ بۇرۇن تەبىئىي پىشىدۇ، بولۇپمۇ چىلاننىڭ پىشىش ۋاقتى شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدىن 20 كۈن بۇرۇن، ھەر يىلى 8- ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى، ئاخىرى بۇ يەردە چىلان پىشىپ بولىدۇ، بۇ يىل 7- ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئاستا-ئاستا پىشىشقا باشلىغان. 2014- يىل 12-ئايدا، توقسۇن ناھىيەسى جۇڭگو ئىقتىسادىي ئورمان جەمئىيىتى تەرىپىدىن «جۇڭگو بويىچە چىلان ئەڭ بالدۇر پىشىدىغان يۇرت» بولۇپ باھالاندى، 2019- يىل 5- ئايدا توقسۇن ناھىيەسى يەنە «جۇڭگو بويىچە ئۆرۈك ئەڭ بالدۇر پىشىدىغان يۇرت» بولۇپ باھالاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى